بۇلبۇل بلوگى

0

قايتىش

224

قايتتىم ئەمدى بۇ تامان،

جەنۇب ئۇيقۇسى قالدى.

ئۇيقۇلۇق كۆزلەرسېرى

دىلدا قايغۇسى قالدى.

ئىختىيار تاپسام ئۆزۈمدە

سىر چېچىشماقنى ئۇ كۈن،

ياش خىيال بەڭباش چىقىپ،

ئەقىل ئوردىسى قالدى.

چاڭقىغان مەھزۇن يۈرەك

تاپسا جەنۇبتىن چەشمەسىن،

نېگەدۇر قايتتىم بۇيان؟

كۆڭۈل ئارزۇسى قالدى.

ھەر تەپەككۇر ئەيلىسەم،

قانماس ئىكەن بۇ ياش يۈرەك.

قىچقىرىپ سىرلىق تاۋۇشلە

بوۋام قەبرىسى قالدى.

ھەم زىيارەتگاھىم ئىدى

ھەر كۆرۈنگەن ئەسكى تام،

كۆمۈلۈپ تۇمان بىلەن

مومام ھۇجرىسى قالدى.

ياشلىقىم-بەڭباشلىقىم،

ئىچىپ سۆيگۈ شەربىتىن،

ئەمدى كۆكسۈمدە مېنىڭ

پىراق سونگۇسى قالدى.

ۋىسال دەپ تاغلار ئارا

ياڭرىسا پەرھاد كۈيى،

بىرگىنە چاقناپ خىيالىم،

نىگار تۇيغۇسى قالدى.

ھەر جاراڭلىق ئۈنلىرىم

ياندى سامادىن ئاقىۋەت.

ھەر شېھىتنىڭ قەبرىسىدە

كېپەنسىز مۇردىسى قالدى.

تەئەججۈپ ئەيلىمە، ئۆتكۈر،

بۇ شورلۇق ھالىڭە سەن.

شۈكۈركىم، ھەربىر يۈرەكتە

ۋەتەن سۆيگۈسى قالدى!

1948-يىل 22-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ