بۇلبۇل بلوگى

0

قايدا بار(غەزەل)

204

تالى مەجنۇن شاخلىرىدا گۈل ئېچىلغان قايدا بار،
ناخشا ئېيىتسا دوستلىرىڭ دۈشمەن قېتىلغان قايدا بار؟
ياكى بوران،ياكى كەلكۈن،ھەر قازادا بىر سەۋەب،
كۆك تېرەكلەر بىسەۋەب ئۆزى ئۆرۈلگەن قايدا بار؟
كىم يىقىلسا،يىغلىبان يۆلەرگە لازىم دوست،قاياش،
دوست قاياشى يىغلىماي،دۈشمەن ئېچىنغان قايدا بار؟
ئېتىبارىڭ بولمىسا كىملەردىن قەدىرلەيدۇ سېنى،
مارجان خارۇزار يولغا چېچىلغان قايدا بار؟
ياققا يۇرتتىن يار تۇتۇپ تاپتىڭ پاراغەت قانچىلىك،
باغدا تۇرسا تۆت قۇلاق،چۆلدىن تېپىلغان قايدا بار؟
كىمگە ئەسقاتقان دۇرۇت-ئەپسۇن دېگەنلەر ئاقىۋەت.
تەردە تۇرسا تەلىيىڭ،مىشچانغا خامان قايدا بار؟
ئاتىلار ئېيتۇر،جاھاندا كىم قەدىرداندۇر؟دېسەم،
ئانا ئەۋزەل بارچىدىن،ئۇنداق قەدىرداندۇر؟دېسەم،
ئانا ئەۋەزەل بارچىدىن،ئۇنداق قەدىردان قايدا بار؟

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ