بۇلبۇل بلوگى

0

قارا يەكشەنبە

231

−Rezs Seressنىڭ شۇ ناملىق مۇزىكىسىنى ئاڭلاپ…

قارا−مېنى ئورىغان ھەسرەتنىڭ ئاسمىنى
ئاشۇ ئاسمان ئارقىسىدا
يۇلتۇزلار يانار
مەن ئۇندىن ئۆز يۇلتۇزىمنى ئىزدەيمەن
ئەي ئازابنىڭ ئانارىدىن تۆكۈلگەن دانە-دانە يۇلتۇزلار
مەن قارىغۇ
قاراڭغۇلۇقۇڭلار مېنىڭ ئۈچۈن ئەڭ يورۇق جەۋھەردۇر
مەن سىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇقىڭلار ئارقىلىق
پارلاق ئۆلۈمنى تەجرىبە قىلىمەن
سەن ئۆلۈمدىنمۇ گۈزەل
ئۆلۈم شەكىلسىز، ئەمما سەن يۈرەك شەكلىدە
قاپقارا ھەم قاراڭغۇ…
قاراڭغۇلۇقنى نېچۈن سۆيىمەن شۇنچە؟
بۇ قاراڭغۇلۇق نەچچىنچى سەزگۈمگە ئولتۇراقلاشقان؟

ئەي، مېنى تاشلاپ كەتكەن قاراڭغۇ ئايال
ھىجراننىڭ يەكشەنبىسىدە ساڭا ئاتاپ ئىبادەتتە تۇرىمەن
سەن ئاتەش سۇيۇلۇپ ئېقىۋاتقان كۆيدۈرگۈچ ئوتنىڭ ئەڭ تېگىدە
خىيابان سويلاپ يۈرگەن يىلان پادىشاھ
سۆيگۈ پېچىدا ساڭا قۇلمەن
مېنى ئېرىتىپ قايتىدىن ياساپ تۇرىسەن
ھەيكەلتاراش قولىدىكى لايدەك
سەن مېنى ياسايسەن، ماشىنا ئادەمدەك
ماشىنا ئادەممۇ مەن
ۋە ياكى كلونلانغان بىر مەخلۇق
ئىچى-تېشى قاراڭغۇ
ئەسىرلەپ كۆيىۋاتقان دوزاق ئوتىدا
كۆيۈشكە ئەڭ چىداملىق ماتېرىيالدىن ياسالغان

قاراڭغۇدىن قورقمايمەن
ۋۇجۇدۇم پۈتكەن بەلكىم قاراڭغۇدىن
ئىچكىي ئەزالىرىمنى چۇۋۇيمەن
قاراڭغۇدىن قاراڭغۇ

ئەسەبىي يىرتقۇچسەن، ئەي گۈزەللىك بابىدا يالماۋۇز ئايال
تالاپ يېگەنىدىڭ ئىچ باغرىمنى ئۇزۇن بىر دەۋر
يېيىشلىرىڭ لەززەتلىك شۇنچە
ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆلۈمنى تېتاي دەپ خالىدىم نېچۈك؟

ھاياتلىق كىتابىمنىڭ مۇقاۋىسى قاپ-قارا
ھەرپ-يېزىقى قارا
يېزىقلاردىن يېيىلىۋاتقىنى
يۈرىكىمدىن ئاققان كېچە سىياسىدۇر قاپقارا

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ