بۇلبۇل بلوگى

0

قار سوغۇقى

220

ھەممە نەرسە جاندىن ئۆتىدۇ:

بىر تىيىننىڭ تۆشۈكىدىن مىڭ قېتىم ئۆتكەندەك

مۇمكىنسىزدەك تۇيۇلىدىغان قۇتۇلۇشتەك

ئامالسىز بەرداشلىق بېرىۋاتقان چىدامدەك

ئىگە-چاقىسىز كوچىلارنىڭ گېلىدىن ئۆتۈۋاتقان تائامدەك

برونىۋىكلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋاتقان جىگدە ساتقۇچى بوۋايدەك

قاندىن قانغا ئۆتۈۋاتقان ئەيدىز ۋىرۇسىدەك

ھەممە نەرسە جاندىن ئۆتىدۇ…

 

ھەممە نەرسە جاندىن ئۆتىدۇ:

قۇياش پېتىپ ئەتىسى چىققۇچە نېمىلەر چىقمايدۇ؟

چىقىپ، چىقىپ تۈگىمەيدىغان جان

ئېقىپ، ئېقىپ قۇرۇمايدىغان قان

كاللىلارنى تۇرخۇن قىلىۋەتكەن تۈتۈن

چاڭقىغان كېچىلەرنى قاندۇرالمايدىغان كۆز-ياش

قىز پېتى ئۆلۈپ كېتىدىغان پۇخا

ھەممە نەرسە جاندىن ئۆتىدۇ…

 

ھەممە نەرسە جاندىن ئۆتىدۇ:

قۇياش چىقىپ ئاخشىمى پاتقۇچە جانغا نېمىلەر پاتمايدۇ؟

يوللار پۇتلارغا تىكەندەك

كۆزلەر كۆزلەرگە نەشتەردەك

مەۋجۇتلۇق بۇلۇڭ-پۇشقاقلارغا ئەخلەت-چاۋاردەك

سېخىلىق رولىنى ئويناشقا مەجبۇر توڭ قۇياشتەك

ئادەم سىياقىدا كېزىپ يۈرگەن مەسخىرىلەردەك

قۇياش چىقىپ ئاخشىمى پاتقۇچە جانغا نېمىلەر پاتمايدۇ؟

ھەممە نەرسە جاندىن ئۆتىدۇ…

 

2015.12.17

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ