بۇلبۇل بلوگى

0

قان يۇقى

202

نۇربىيە ئابدۇكېرىم

*

پۇرىماڭلار قانلىرىمىزنى
تارتۇق باسقان بۇرنۇڭلار بىلەن
يالىماڭلار يارىلىرىمىزنى
يىرىكلەشكەن تىلىڭلار بىلەن
ئاۋات بىر ناشتىلىققا پۇتلاشقان
باغرى يۇمشاق ئەرلەرنىڭ رىيازىتىدە
ئەگەر يۇقۇپ قالغىنى داغ بولسا
بۇ دۇنيا
سىلەردىلا يوق
ئۆزۈڭلارنى ئاشىق دېسەڭلار
سۆيۈشمەي تۇرۇپ
ئۈنى نەچچە چاقىرىمغا يېتىدىغان
ناخشىچىنىڭ سۆيۈنچىسىدە
ئەگەر قوچۇلىۋاتقىنى چوغ بولسا
بۇ دۇنيا
سىلەردىلا يوق
ھەقراست
بىر كۈي
دېيىلسەڭلار سىغدىشىپ تۇرۇپ
بىر تال سىزىققا تەڭ ئېسىلىۋالغان

ئەمدى
پۇرىماڭلار سۈيدۈكىمىزنى
ئاختا ئەمەسمۇ ئەۋرەتلىرىڭلار
يۇلماڭلار تۈكلىرىمىزنى
ھاي ھاي ھاي ھاي….

نېرى كېتىڭلار
چېچىمنى ئارىلاۋاتقان
پىترەڭ خىياللار
نېرى كېتىڭلار
كالپۇكۇمنى قايرىۋاتقان
ئۆلگۈر سۇئاللار
نېرى كېتىڭلار، ئەڭ نېرىسىغا
ئون تىرنىقىمنىڭ
قانخورلارچە كۆكلەۋاتقىنىنى
كۆرەلمەيۋاتقان
ئاقساق ماراللار

پەقەت كۆزلا كېرەك بۇ يەردە
يۇغان ئېچىلغان
تۇيغۇن كۆزۈڭلار بىلەن
ماڭا قاراڭلار
مەن
يەنىلا ئاشۇ ئەرۋاھ ئايالمەن
ئۈچ يېشىمدا
خوراز چوقۇپ قاناتقان بېشىمنىڭ
يارىسىدىن ئاققان قېنىدا
يىرتىقلىرىڭلارنى ياماۋاتقان.

2016 ـ 2 ـ 15 ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ