بۇلبۇل بلوگى

0

قالۇرسەن

335
نان ئىلغىساڭ نانسىز قالۇرسەن؟
نام قوغلاشساڭ نامسىز قالۇرسەن.
رىزقىڭ بىلەن ياشا كەپتىرىم
دان ئىلغىساڭ دانسىز قالۇرسەن.
كۆكلەتمەيدۇ ھىچكىمنى كىبىر،
تاغ بولساڭمۇ ،دەپ يۈرگىن ئېدىر،
ئادەمدۇرسەن ئەمەسسەن خىزىر،
يار ئىلغىساڭ يارسىز قالۇرسەن.
شاھ تاجىدىن ئۇلۇغدۇر سېخىي،
سېخي قوللار ھەر گىياھ شېخي.
بۇنى بىلمەس بېخللار تېخى.
بېخىل بولساڭ ھالسىز قالۇرسەن.
ياشاپ ئۆتسەڭ ، بىر ئۆزۈڭ ئۈچۈن،
بارچە نېنىڭ بولمايدۇ پۈتۈن.
تۇرخۇنىدىڭدىن چىقسىمۇ تۈتۈن،
كۈن پاتقاندا شامسىز قالۇرسەن.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ