بۇلبۇل بلوگى

0

پۇشايمان

210

1

 

جىمجىتلىق، يالغۇزلۇق، ئەسلىمە، خىيال،

رېئاللىق، سەسكىنىش، بىچارە، غەمكىن.

ھايات ياشاپ ئۆتەر ئۆزى-ئۆزىنى،

پەرۋاسىز، رەھىمسىز، سوغۇق ۋە تەمكىن.

قورۇنۇش بىچارە كۆرسىتەر سېنى،

كېرىلىپ دېمىڭنى سىققىنى سىققان.

يوقسۇللۇق، غېرىبلىق، بىتەلەي كەچمىش

ۋە شۇنچە ئازابلار كۆڭلۈڭگە سىغقان.

تەمتىرەپ پۇت-قوللار سىقىلار يۈرەك،

كۆزلىرىڭ ھېچكىمگە باقالماس ئۇدۇل.

قۇلاقلار ئاڭلاتقان خائىن مەنالار،

كۆڭۈلنى، غۇرۇرنى سۇندۇردى چۇل-چۇل.

يولۇڭنى بىرەر رەت يورۇتمىدى ئاي،

كۆڭلۈڭگە ئىللىقلىق چاچمىدى قۇياش.

كۈندۈزىڭ ئۈمىدسىز، كېچەڭ بەك ئۇزۇن،

ئۆزۈڭدىن ئۆزۈڭگە يوق ئۆزگە قاياش…

جىمجىتلىق _ ئۇ مەجبۇر بولغان بىر قىسمەت،

سۈكۈتتىن باشقىغا بولمىدى ئىلاج.

ئېچىنىشلىق جىمجىتلىقنىڭ ئاۋازى،

ئايەت ئوقۇر ئۇۋىسىدا قارلىغاچ.

يالغۇزلۇق _ ئۇ ئالغان ئەڭ چوڭ مۇكاپات،

ۋە بەلكىم ئۇنىڭغا تېگىشلىك جازا.

كۆڭلىنىڭ قوپقۇرۇق قېلىشى دائىم،

ۋە بەلكىم مەڭگۈلۈك ساقايماس يارا…

ئەسلىمە _ زەھەردەك بىر قەدەھ شاراب،

ھەر دەقىق ئىچىشكە مەجبۇردۇر، مەجبۇر.

قىينىلار باش سۆڭىكى سىغدۇرالماي،

بۇ بىر بەك قەدىمىي، قەدىمىي غەمدۇر.

خىيالدۇر ئۇ ئەسلى ياشىغان ماكان،

تاجۇ-تەخت، شانۇ-بەخت، بارچە ئۇ يەردە.

چۈشلىرى بەك گۈزەل ئازابلىرىدەك،

ئاقىۋەت خىياللار قىلىدۇ غەلىبە.

رېئاللىق _ يىرىڭداپ قان ئاققان يارا،

ئۆلۈشكە كېرەكتۇر گۈزەل باھانە.

كۈتمەكتە ئەڭ ئۇيغۇن قىساس پەيتىنى،

ئۆلىدۇ بىر كۈنى گۈزەل، شاھانە.

سەسكىنىش _ ئۇنىڭغا تېڭىلغان كىملىك،

شۇ قەدەر بىچارە، شۇ قەدەر غەمكىن.

ھايات ئۆزى ياشاپ ئۆتەر ئۆزىنى،

پەرۋاسىز، رەھىمسىز، سوغۇق ۋە تەمكىن…

يوقسۇللۇق تۆكۈلەر كىرپىكلىرىدىن،

يۈزىدىن، كۆزىدىن، غېرىب سۆزىدىن.

يوقسۇللۇق ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ بارلىقى،

خۇشخەۋەر كۈتىدۇ ئۆزى-ئۆزىدىن.

غېرىبلىق _ غەلبىنىڭ مەززىلىك ھىدى،

دۈملىنەر بۇ غەلىبە، دۈملىنەر تېخى.

كۆكلەيدۇ قايتىدىن بۈك-باراقسان بوپ،

جاسارەت، سائادەت، سەلتەنەت شېخى.

 

2

 

ۋۇجۇدۇڭ ۋە روھىڭ لەرزىگە كەلگەن،

ھېچقاچان سەزمىگەن گۈزەل بىر تۇيغۇ.

تۇنجى رەت شادلىقتىن يايرىدى تېنىڭ،

ئېقىشقا باشلىدىڭ، ھايات – بىر سۇغۇ!

ئۆزۈڭنى سۆيۈشكە بولمىدى نېسىپ،

ئۆزۈڭ بوپ قالغانغا قىلدىڭ پۇشايمان.

ئارقا يول، چىغىر يول ۋە خىلۋەت جايلار،

گۈلشىنىڭ بوپ كەلدى بۇلبۇل سايرىغان.

پېشانەڭ ئانچە كۆپ سۆيۈش كۆرمىدى،

كۈلكەڭنى بىر ئۆزۈڭ ئاڭلىدىڭ يالغۇز.

نېمە دەپ كۈلدۈردى سېنى پەرىشتە،

يىغلىغىن ئەي بوۋاق، يىغلاپ نان سالغۇز.

چوڭ بولدۇڭ مۇھەببەت مېھىر ھېس قىلماي،

ئۆزۈڭنى قويارغا يەرمۇ تاپالماي.

چوڭ بولدۇڭ قاغجىراپ ھەمدە يېتىرقاپ،

ئۆزۈڭنى يا ئۆزۈڭ تاشلاپ قاچالماي.

ھېچ كېرەك قالمىدى ئىللىق چىرايغا،

تەبەسسۇم، پەپىلەش، ئىسسىق قۇچاققا.

ئېرىيدۇ شۇ قەدەر ئىسسىق ۋە راھەت،

شىددەتلىك پارتلاشلار چىقىپ روياپقا.

ھاسىراپ توختايدۇ قارام يانار تاغ،

ماگمىلار ئاقىدۇ سىلىق ۋە يۇمشاق.

كۆڭۈلنى پەرىشان قىلار خارابە،

يامغۇردا يۇيۇنار گۇناھكار باشاق.

ئىنتىقام ئېلىنار ھاياتتىن شۇنداق،

تەسەللى قۇياشتەك نۇ چاچار پارلاق.

پۇشايمان بۇلۇتتەك كېلەر باستۇرۇپ،

مۇنچىغا يېزىقلىق: “ يەر بەك تېيىلغاق“.

شۇ كېچە باشلانغان گۈزەل تەسەللى،

قوينىنى كەڭ ئېچىپ باغرىغا باستى.

ئىللىقلىق ھېس قىلدى ئۇ تۇنجى قېتىم،

بىر تاشنى يۈرەك دەپ ئىچىگە ئاستى.

سائەتنىڭ قەدىمى شۇنچىلىك ئېغىر،

سولىشار، سالپىيار، تۈگىلەر ھايات.

ئاقىدۇ تەسىرلىك تىمساھنىڭ يېشى،

پەندىيات، پەندىيات، مىڭبىر پەندىيات!

بېجىرىم تۇغۇلغان، بەش ئەزاسى ساق،

بەك كەمتۈك چوڭ بولدى، كەمتۈك ياشىدى.

كۈنسېرى چوڭايغان تەگسىز شۇ بوشلۇق،

ئۇنىڭچۈن كۆرۈنمەس قەپەس ياسىدى.

يوق ئۇندا گەپ قىلىش، سۆزلەشكە جۈرئەت،

بېشىنى تىك تۇتۇپ ئۇدۇل مېڭىشقا.

كۆزلىرى توشقاندەك قاچىدۇ تىنماي،

نېمىدىن قورقىدۇ، زادى نېمىشقا؟

قەپەزگە ئۆمۈرلۈك سولانغان يۈرەك،

قاچماقتىسەن قەپىسىڭنى كۆتۈرۈپ.

سوقۇشىڭ، قانىشىڭ گۇناھىڭ ئەمەس،

سەن تېخى ئۆزۈڭگە بولمىدىڭ كۆنۈپ.

گوياكى سەن خاتا تۇغۇلۇپ قالدىڭ،

خاتا بىر ماكاندا، خاتا بىر چاغدا.

ۋە بەلكىم سەن خاتا چوڭ بولۇپ قالدىڭ،

توغرىلار قەيەردە، مەنزىلىڭ قايدا؟

تۇغۇلغان ئۆيۈڭدە چوڭ بولالمىدىڭ،

چوڭ بولغان ئۆيۈڭدە يا قالالمىدىڭ.

يۈرىكىڭ ساڭگىلار ئېغىر بىر تاشتەك،

شۇنچىلىك قېچىپمۇ قۇتۇلالمىدىڭ.

چىقتىڭ سەن تاغلارغا، ئۇچتۇڭ ھاۋادا،

دېڭىزغا كىردىڭسەن، ئۈزدۈڭ دەريادا.

ئۆزىنى شۇ ھامان سالدى ئېسىڭگە،

بىر دەقىق ئۇنۇتساڭ ئۇنى ناۋادا.

بىر دەقىق ئۇنۇتساڭ ئۇنى ناۋادا،

ھاياجان مەي بولۇپ پىشقان ئەسنادا.

قىززىغان كاللىدا قوپقۇرۇق بوشلۇق،

تەن شۇدەم قەبىھلىك قۇترىغان ۋادا…

سىقىمداپ چىڭڭىدە يوغان قىلىچنى،

قان تۆكۈپ كەلمەكتە ئەسەبىي بىر ئەر.

ھۇۋلىدى بۆرىدەك ئاسمانغا قاراپ،

بۇلۇتتىن تۆكۈلدى چىلىق-چىلىق تەر…

 

3

 

سۆيۈملۈك كۆرۈنەر گۈزەل، كەڭ ئاسمان،

چىۋىنگە مەسلىكىڭ كېلىدۇ ئەجەب.

تەسەللى بېرىدۇ ئوتتۇز ئۈچ تال خىش،

ئەلەمگە يول ئاچقان ئىككىنچى سەۋەب.

ھېس قىلدىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئاجىزلىقىڭنى،

ئولتۇرۇپ قوپۇشقا كۈچۈڭ يەتمىدى.

ئۆزۈڭنى قوش قوللاپ سۇندى ئۆزۈڭگە،

شۇ نومۇر ئېسىڭدىن زادى كەتمىدى.

پىلدىرلار بىر چىراي غۇۋا ئېسىڭدە،

ئادەم ئېتىشقا ئۇيغۇن سەھەردەك.

قاتىلنىڭ ئۈمىدسىز، چۈشكۈن ئاۋازى،

روھىڭغا ئورناشتى خۇددى زەھەردەك.

سۆيۈملۈك ئاڭلىنار قاغا ئاۋازى،

تۆت تامنىڭ سىرتىدىن كەلگىنى ئۈچۈن.

ئۆزۈڭنى، خۇدۇڭنى يوقاتقان پەيتلەر،

كۆپۈكتەك يوقالدى، يوق بولدى پۈتۈن.

خالايتتىڭ لەرزىگە كېلىشنى قاتتىق،

ئۆزگىرىپ باشقا بىر ئادەم بولغۇدەك.

پىخسىقلىق قىلدى بەك ساڭا بۇ دۇنيا،

بىر پۇرسەت بولمىدى كۆڭلۈڭ تۇيغۇدەك.

گۈپۈلدەپ قان پۇراپ تۇرغان شۇ سەھەر،

ئاخىرقى بىر نۆۋەت سۆرەلدى كىشەن.

ئۆلۈمگە ماڭغۇچى چاقىردى سېنى،

سېنى بىر قۇچاقلاپ قويماقچى ئىكەن…

بۇ شەھەر بەك كەڭرى، مېھرى بەك ئىسسىق،

كوچىلار بېشىڭنى سىلاپ تۇرىدۇ.

ئىشىكى ھەر زامان ئوچۇق گۈزەللەر،

بەك كاتتا توي قىلىپ خىيال سۈرىدۇ.

تونۇشۇش مەقسەتلىك بولمايدۇ بەلكىم،

ئىزدىشىش غەرەزسىز بولمايدۇ ئەسلا.

بۇ ئۆزى بەك كىچىك، ئاددى بىر كوچا،

ئاقمايدۇ بۇ يەردە ھەرقانداق چېسلا.

رەزىللىك ئەمەلگە ئاشقان ئۇلۇغ كۈن،

ئۆزىنى ئەسلىتەر ئۇنىڭغا مەڭگۈ.

ئەلەملىك ئويغىنار گۈزەل چۈشلەردىن،

ئازابنىڭ قوينىدا تىپىرلار سۆيگۈ.

يوللارغا چىقىشقا يوقتۇر جاسارەت،

بۇ يوللار بەك گۈزەل ئىزلارغا تولغان.

يۇلتۇزلار جىمىرلار سوئاللار سوراپ،

ئۇلارمۇ جىق ئىشنىڭ شاھىدى بولغان.

ئاپئاق قار رەڭگىنى قىلار نامايىش،

قىزىلگۈل ئاغرىتار، قىينار يۈرەكنى.

قان تولار كۆزىگە چۈشكەندە شەپەق،

كۆيدۈرەر پۇشايمان ئارزۇ-تىلەكنى.

جان تىكىپ قوغدايدۇ خەقلەر ھاياتنى،

ئۇ يىغلاپ يالۋۇردى ئۆلۈمى ئۈچۈن.

ئۆلۈككە يەنە بىر ئۆلۈش مۇمكىنمۇ؟

ئىچ-باغرى يانماقتا چىقىرىپ تۈتۈن.

 

2013-يىلى ئاپرېل، ئۈرۈمچى.داۋان

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ