بۇلبۇل بلوگى

0

پۇشايمان قىلدىم

183

ھەر كېچە تەييار تۇرىدىغان كوچا چىرىقى

ھەممىگە چىدايدىغان پىيادىلەر يوللىرى

ساتماس، سېتىلماس، سادىق كۆلەڭگىلەر

ھېچكىمنى خىجىل قىلمايدىغان دەل-دەرەخلەر

تاكسىدەك سائەتلىكىگە ھەر يەرگە چاپىدىغانلار

ئاچقانلار، ئالغانلار، ياتقانلار…

مەن ھەقىقەتەن پۇشايمان قىلدىم!

 

بېرىش بىلەن قايتىش ئارىسىدا سىقىلغان رەزىل دەملەر

مەيدانسىز كېزىشكە كۆنۈك قەدەملەر

بولغۇلۇق بولغاندىن كېيىن تىرىلىدىغان ۋىجدان

سەبىيلەرچە قاراشقا ئۇستا يىرگىنىشلىك كۆزلەر

مەن ھەقىقەتەن پۇشايمان قىلدىم!

 

ھەر قېتىمدا ئىشەندۈرگۈچى تەسەللىلەر

تېرەنلەردە نالە قىلىۋاتقان ئۈنسىز گۇناھ تۇيغۇسى

ئۇھ…دېگەنگە بوشىمايدىغان ئىچىم

تەپسەم تەۋرىمەس سۆيگىنىمنىڭ ئۇيقۇسى

كۆڭۈلدىن خالى تېنىمنىڭ شاللاق خۇمارى

مەن ھەقىقەتەن پۇشايمان قىلدىم!

 

2015.04.22 ،ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ