بۇلبۇل بلوگى

0

پۇرىۋالاي سېنى يار، دېدىم

198

ئەقلىمدىن كەچتىم، يارغا سۆز بەردىم
سېنى سەيلانى قىلار ئارمىنىم
مېنى تېپىڭلار دېدىم ھېچكىمگە
مەنزىل ئېچىلدى، رەڭگىڭ تۇتۇلدى
ماڭا مېڭىۋەر دەيدۇ ھېچنېمە

ئۇنىڭ كۆزى بار، سۆزىدىكى ئۇ
گاھى ئېچىلغان، گاھى يېپىلغان
بىر دانە ئاشىق مىڭ دانە بولدى
ھەر بىر تېنى قۇمغا كۆمۈلدى
مېنى بۇدەم بىر تاللا قۇمغا
ئويماقچى بولۇپ ئۆزى ئويۇلدى
مېنىڭ ئەمدى دىلخاراجىم بار
ئويمىچىنىڭ چىمبۇلىقىدا

ئاشىق بولۇپ مەشۇق ئىزدەيمىز
دېرىزىنى قۇشلار چېكىدۇ
مېنىڭ بىلەن كارى بار بىرى
قەبرىستاندا كەيىب بولىدۇ
ئۇنىڭ كۆكسىدە
چارچىغانلار ئارام ئالىدۇ
مۇھتاجلىقىمىز لېۋىڭدۇر لەۋچى

مېنى ئويغۇچى ماڭا تويغۇچى
قانداق ئېچىلغان گۈلسەن بۇ كېچە
گۈلسەنەم دەپ بىرسى يېرىلدى
بەك قەدىمقى چۆچەك پۈتكىچە
مەست بولىدۇ بىر توپ ئادەملەر
ئىككىمىزنى كۆرگەن شۇ دەمدە

ئېشىپ قالغان بىر كاسە ھىجران
يەنە بىزدىن ئېشىپ قالىدۇ
قۇرۇپ قالغان چۆلدىكى توغراق
بىلمىدىم ئەي سېنى سۆزلىدى
ئاستا-ئاستا باغرىمنى كەردىم
ئەييۇھەنناس، سەنلا پۇرىدىڭ
پۇرىۋالاي سېنى يار، دېدىم

2016- يىل 25- فېۋرال كەلپىن

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ