بۇلبۇل بلوگى

0

پۇل بولمىسا

276

پۇل تۈپەيلى قان چېچشتى نەچچىلەر،
پۇلنى دەپ جان بەردى كۆپ بايۋەتچىلەر،
ساتتى پۇل كۆزلەپ ئىمان بۇ بەچچىلەر،
ئېسىت!!! دېيشتى مويسىپىت ھېكمەتچىلەر،
ھەي… بۇ پۇل ھېچكىم ئاڭا قۇل بولمسا،

پۇل تېپىپ يول تاپمىغانلار تۈف ساڭا،
پۇل تېپىپ تەر قاقمىغانلار  تۈف ساڭا،
پۇل يېقىپ ئەل ياقمىغانلار  تۈف ساڭا،
پۇل بېقىپ ئەل باقمىغانلار  تۈف ساڭا،
كۆرۈمىز ئالەم ئۇزاق پۇل بولمىسا.

ئىشكنى ئاچماقتىن غەرەز ئالماشتۇرۇش،
ئالغۇ-بەرگۈ سودىنى قاملاشتۇرۇش،
يول تېپىش ھەم پۇل تېپشتا شاش تۇرۇش،
يۇرتنى دۇنيا ۋەزنىگە يانداشتۇرۇش،
ياندشىش تەس ھەممىۋاق پۇل بولمىسا.

گەپمۇ بار پول تاپقۇچە يۈز دېگەن،
يۈز دېگەن ئابروي-ئىناۋەت بىر دېگەن،
نەپسى شەيتان تۆكمسۇن يۈز سال دېگەن،
ھەق ھالاللىق بىرنى توسسۇن زەملىگەن،
باشقنى قىل ئۈچ تالاق پۇل بولمىسا،

پۇل- نىجس، پۇل- كىر، ھارام ،ياق، پۇل -ئىمان،
پۇل -مۇھەببەت، پۇل -ئۇزۇق، ياق، پۇل- سامان،
پۇل دېگەن ھەم پۇل، تۇزاق، ياق، خان، ئىمان،
قانچە قىلغىن پۇل نەزەردە بار ھامان،
قاغىمۇ قىلمايدۇ‹‹قاق››پۇل بولمسا.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ