بۇلبۇل بلوگى

0

پىتكە

225

…ئەجەلنى كەينىگە سۈرمەككە مۇمكىن بولساگەر پىتكە(1)،
گېپىمنى ئاڭلىسا تەڭرىم، دېسەم: «پۇرسەتنى بەر پىتكە.

باياتىنلا تۇغۇلغاندەكقۇ ھېس-سەزگۈ؟!…» بىراق،قابىز،
دېۋەيلەشتە:«نامازشام بولدى تاپشۇر جاننى…»دەر، پىتكە.

ئۆزۈم سەكراتتا،مېھرىم پانىيدىن كەچمەس، كېچەلمەس ھېچ،
ياغاچ ئات(2)«مىن ماڭا»دەيدۇ، كېچىكمەسمۇ سەپەر پىتكە.

يارانلار، مەن نەزەر سالسام يولۇمغا،ئىزلىرىم نەپسىز،
كۆرۈنمەيدۇ «چېچەك،مېۋە» دېگەنلەردىن ئەسەر، پىتكە.

قىرانلىق مەزگىلىم بوپتۇ تاماشا نازىغا مەپتۇن،
ھەۋەستىن باشقىغا ھەرگىز سېلىنمايدۇ نەزەر پىتكە.

مانا، ئەمدى بىلىندۈرمەيلا كەلدى قەرزچى جان سۈيلەپ،
نىتەي ئىنسان ھاياتى ئاز ئىكەنغۇ شۇ قەدەر-پىتكە.

ناۋادا نەۋقىرانلىق پەيتگە قايتماق كەلسىدى قولدىن،
بولاتتىم ئۆمرى ئارمانسىزلا ئۆتكەن ياخشى ئەر، پىتكە.

قەدىرلەنمەي ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتنى كۈلدۈرۈپ قايتا،
ئۇنىڭ ھەر سائىتىگە مەن چېكەتتىم  نەقشى-زەر پىتكە…

نەسىھەت شۇ: پېقىر ئۈلگۈرمىدى تۈزمەككەسەھۋەننى،
سىلەر ئىبرەت ئېلىپ مەندىن قۇچۇڭلار شان-زەپەر پىتكە!؟…
_____________________________________
پىتكە‏_____ بىر ئاز،ئازغىنە مەنىسىدە.
ياغاچ ئات ‏______ جىنازا.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ