بۇلبۇل بلوگى

0

پىنھان سۆيگۈ

326

گۈل گۈزەل بولىدۇ ئېچىلماستىلا،

ئېچىلىپ كۆپ ئۆتمەي توزۇيدۇ غۇنچە.

بىپايان ئوكياننىڭ ئاستىدا مارجان،

مەرۋايىت قىپىدا ئۇز بولار شۇنچە.

يىتىلگەچ پوستىنىڭ ئىچىدە ئانار،

يىرىلپ پىشقۇچە بولىدۇ تاتلىق.

شۇ قەدەر قىممەتىلىك كۆڭۈلدىكى سىر،

ئاشكارە تۇيغۇلار بىرەلمەس شادلىق.

كۆزلىگەن نىشانغا تەككۈزەر ئوۋچى،

چاتقاللار ئىچىگە ئالغاندا مۈكۈپ.

مەن كۆڭۈل ساقلىدىم ئاشۇ تەرىزدە،

بىراۋغا دەردىمنى يۈرمىدىم تۆكۈپ.

ئىنتىلىپ ئۈن تىنسىز كۆيدۈم بىرىگە،

ۋەلىكىن كۆڭلۈمنى قىلمىدىم ئىزھار،

بولغاچقا ئاھ شۇنداق شىرىن لەززەتلىك،

كۆڭۈلنىڭ قىتىدا يىتىلگەن سىرلار.

مەيلى دەر باشقىلار <كۆيۈمسىز> مىنى ،

كۆيۈمسىز سۆيگۈمدە كۆيىمەن پىنھان.

قەلبىمگە لىق تولار ۋىسال شەربىتى،

سىرىمنى، سۆيگۈمنى بىلمەس ھېچ ئىنسان…..

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ