بۇلبۇل بلوگى

0

پەيشەنبە

236

 

1

زارائاستىر تاغدىن چۈشۈۋاتقاندا

مەنمۇ چۈشتۈم 6-قەۋەتتىن

زورائاستىر تېخىچە تاغدىن چۈشۈۋاتاتتى

مەن يەنە 6-قەۋەتكە چىقىپ توختىدىم

زورائاستىر كىچىك ئېقىنلاردىن كېسىپ ئۆتەتتى

ئورمانلارغا قىزىقسىنىپ قارايتتى

يولدا ئۇچرىغانلاردىن ياكى ساپ ھاۋادىن

ھاياجان بىلەن ئەھۋال سورايتتى

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېخىچە ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى-دە، كېتىپ قېلىشتى

ساپ ھاۋا زارائاستىرنىڭ پىشانىسىدە بىر پەس توختاپ ئۆتۈپ كەتتى،

زارائاستىر ئويلىدى: كەنت ھەققىدە

تاغدىن چۈشىۋاتقانلىقىنى ئويلىدى ھەمدە

ئويلىدى بىر ئايالنى چۈشىدە قالغان

ئەتراپتىكى تىنچلىقتىن يوشۇرۇپ تەستە…

 

6-قەۋەتتىكى بىر ئىشىكنى چەكتىم

چەكتىم… كۈن پاتقۇچە، ئىشىك تېخىچە جىم

چەككىنىم ئۈچۈن

تۇيۇقسىز ئۇنى ئىشىك دەپ ئويلىۋالغانلىقىمنى سەزدىم

ئەگەر ئۇ تام بولسىچۇ

ئەزەلدىن ئېچىلىپ باقمىغان بىر تام

ئەزەلدىن بىرسىنى توسۇپ باقمىغان بىر تام

ئەزەلدىن بىر ئۆيگە تەۋە بولۇپ باقمىغان بىر تام

ئەزەلدىن رەڭگىنى بىلمەيدىغان بىر تام…

بىر تال تاماكىغا ئوت ياقتىم

ئاندىن داۋاملىق چېكىشنى باشلىدىم

ئالدىمدا كۈلدان يوق، ئىشىك ياكى تام

مەن گۇيا ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدە ئىدىم.

 

2

ئويلىغانلىرىمنىڭ ئىچىدىكى بىر ئىش دىققىتىمنى تارتتى

يالىڭاچ ئۈمىد دەرىخىم چېچەكلىدى بىردىنلا

مەسىت بولۇش كېرەك يېشىلمىگۈدەك

ئىسمىنى بىلمەيدىغان بىر ئايالنىڭ باغرىدا

بۈگۈن پەيشەنبىمۇ تۇپا يېغىۋاتقان

شەنبىمۇ ئۇشتۇمتۇت ئالدىراشچىلىققا تولغان

ياكى كېچىمۇ ئۇھ دېيىشكە ئۈلگۈرمەي

دېرىزىدىن چۈشكەن نۇردا يوقالغان…

 

بىمەنە ھەرىكەت

تەكرار مەغلۇبىيەت

خاتىرجەم يالغان ئېيتىش ۋە

تۇنجۇقىۋاتقان دەرد…

بىر ئادەمنىڭ پەيشەنبىسىدۇر

كەچ كىرىۋاتقان

كېتىش ئىستىكىدۇر

چېچىلىپ ئاجىزلىشىۋاتقان…

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ