بۇلبۇل بلوگى

0

پېقىرنىڭ ئىقرارى

296

(مۇسەددەس)

شائىرنىڭ بۇ شېئىرىتۆت كىشىلىك گۇرۇھنىڭ يەرلىك ئاتارمەنچاپارمەنلىرى ئۇنى سوراق قىلىپ ئىقرارغا قىستىغاندا يېزىلغان .

پاتتى كۆكسۈمگە زەھەر تىرناقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ئۇردى قانلىق قامچىسىن ئالچاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك،
قاقشىتىپ يۇتتى مېنى پاتقاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ئالدى گۈل ئورنى تىكەنيانتاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
قان شوراپ چاقتىزۈلۈك چاققاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ھەر قەدەمدە مىڭ تۇزاققىلتاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

قايسى بىر نەس كۈنىكىم مەن تۆرەلدىم زېمىنغا ؟!
قايسى بىر دۇنيا جەھەننەم ئوخشىغاي بۇ تۈرمىگە ؟!
قان يۇتۇپ ھەر دەم زەھەرزەقۇم يېدىم مەن كۈنىگە ،
مىڭ ئۆلۈپ ، مىڭ يول تىرىلدىم چەرخى بىدات زۇلمىگە .
باستى بېشىمنى بۇ زۇلمەت تاغلىرىڭ ، ئەي شۇم پەلەك ،
بارمىكىن دۇنيادا ئادىل چاغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ؟!

ئۇچتى شەمئى كۆزلىرىمدىن ئۇچتى ئۈمىدنىڭ نۇرلىرى ،
كەتتى سەۋرى ئىلكىمىزدە ئۆتتى ھۆرلۈك كۈنلىرى ،
قايدا بارسام زۇلۇمى بىداد نالەپەرياد ئۈنلىرى ،
كۆزىمىزنى باستى زۇلمەت قاپقاراڭغۇ تۈنلىرى .
قان بىلەن ئالۇدە قولبارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بەلكى قولپۇتتۇر ساڭا قورچاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

كىمگىدۇر روزىساپا ، كىملەرگىدۇر زۇلۇمىسىتەم ،
كىمگىدۇر بايراملىرىڭ ، كىملەرگىدۇر چەكسىز ئەلەم ،
بىز نىچۈن تەڭلىك سۈيىدىن بەھرى ئالماي قەترە ھەم ،
سۈرسە شۇملەر ئەيشىئىشرەت بىز نىچۈن تەشنا شۇ دەم ؟!…
يوق ئىكەن ئەدلىڭ بىلەن ئىنساپلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بوغۇزىمىزغا سۈردى تىغ قاسساپلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

بولدى زۇلمىڭدىن جۇدا گۈلزارىدىن بۇلبۇللىرى ،
بىگۇناھ چۈشتى قەپەسكە قىرىلىپ نۇرغۇنلىرى ،
ۋەتەنسىز بولدى قېچىپ يۇرتىدىن ئوغۇللىرى ،
بولدى خار بويۇن قىسىپ يېتىميېتىمە تۇللىرى .
چىقمىدى دەردىڭ بىلەن ئارمانلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
قايدىدۇر ئەخلاق يەنە ۋىجدانلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ؟

قانمىدۇر ، مارجانمىدۇر ، يا قەترە شەبنەم ياشىمىز ،
تاشمىدۇر ، يا تاغمىدۇر ، قايغۇدا ياتقان باشىمىز ،
يوقمىدۇر دۇنيادا بىزنىڭ ئىچ كۆيەر يولداشىمىز ،
دائىما قايغۇئەلەم ، ھەسرەتمىدۇر قۇرداشىمىز .
سورۇلۇپ باش ئۈستىگە تۇپراقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بولدىغۇ زىندان كەبى ھەرياقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

ۋاھئەجەب قۇش ئۇۋىسىغا شۇم يىلانمېھمانىكەن،
بىلمىدۇق ئاۋۋال دىلىدا بىر غەزەل پىنھانىكەن ،
ئالدىنىپ قىلتاققا چۈشتۇق ھېلىگەر دەۋرانىكەن ،
ياكى قىسمەتنى ئەزەلدە موللىسى يازغانمىكەن ؟!…
زەپمۇ پاتتى بوغۇزىمىزغا قارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بىگۇناھلار كۆكسىنى يارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

نە گۇناھلىق بەندە بىز زۇلمەتتە قالدۇق ناگىھان ،
جايىمىز پۇرقەتكە تولدى ، داغ بىلەن قىينالدى جان ،
يوق ئاداۋەتگىنە بىرلە بىزگە بولدۇڭ بەدگۇمان ،
كۆرمىگەندۇر شۇڭغىچە ھېچكىم بۇ ئىشنى ھېچقاچان .
كۆزۈڭ كىچىك، تار سېنىڭ قورساقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
قانيىرىڭ ، زەرداپقا تولغان دوۋساقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

بولدى قويلار پاسىبانى ، بۆرىلەر ئاغزىدا خۇن ،
كىم ھەقىقەتنى دېسە بولدى ھەم ھالى زەبۇن .
ئايلىنىپ تەتۈر ھەمىشە چەرخىڭ سېنىڭ كاجۋاجىگۇن ،
باستى تۆھمەتپىتنىلەر ئالەمنى مانەندى قۇيۇن .
بولدى ھاكىم ئۈستىمىزدە زاغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ئۆچمىگەي مەھشەرگىچە بۇ داغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك

ھېچ بۇلۇت كۈننى توسالماس ، پەردە زۇلمەت چاك بولۇر ،
نېمشېھىت قايغۇرمىغىن كۆپ ، كەلگۈسىڭ پارلاق بولۇر ،
نىسپى ئاي بولسا قاراڭغۇ ، نىسپى روشەن ئاق بولۇر ،
تا ئەزەلدىن بېرى بۇ قانۇن ئىرۇر ، شۇنداق بولۇر
ئاقىۋەت گۈم بولغۇسى راۋاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ئۆرتىنىپ كۈل بولغۇسى تاياقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك
1972-
يىل

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ