بۇلبۇل بلوگى

0

ئۆزگىرىش

280

بىر تۈپ دەرەخنى كېسىپ

شاخلىرىدا مال باقتىم

ماللىرىمنىڭ گۆشىنى سىلەر يىدىڭلار

يەپ بۇلۇپ ئۇنتۇپ كېتىڭلار، دېدىم

 

دەرەخنىڭ قوۋزاقلىرى سويۇلدى

ئاپتاپقا سېلىندى،

ئاپتاپ ھۆل

مەن ئۇنى «تەرلىدى» دەپ ئىپادىلەش ئۈچۈن

ئۆيگە قايتتىم ھارغىن، ئامالسىز.

 

كېيىن ئۇ دەرەخنى سىستېمىلىق پارچىلاپ

بىر تال ئورۇندۇق ياسىدىم،

ئېشىپ قالغىنىنى بىر ئىشىنىپ – بىر ئىشەنمەي ئارقىغا ئاتتىم

كېيىن…

 

بىلەمسىلەر، مەن تېخىچە ئۆرە تۇرىۋاتىمەن

سىلەرنىڭ «ئورۇندۇقۇڭ قېنى» دېيىشىڭلاردىن قورقۇۋاتىمەن،

ئۇنتۇپ كەتكىنىڭلار ئادەتتىكى بىر ئىش

ئاشۇ دەرەختەك ناتونۇش تۇرۇپ مەن بىلەن.

 

كېيىن ھېچنېمە بولمىدى

بۇنى كىشىلەر ئۆزگىرىش دەپ ئاتىدى.

 

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ