بۇلبۇل بلوگى

0

ئويناۋاتىمىز، ئويناۋاتىمىز، ئويناۋاتىمىز

461

مۇزىكىنىڭ سېھرىدە ئەقلىنى يۇقاتقان
قارامتۇل بالا بىلەن ئېگىزرەك قىز
قولىدىكى پەتنۇس ۋە بەزى ئادەتتىكى نەرسىلەرنى تاشلاپ سەھنىگە چۈشكەندەك
ھەتتا سەھنىدىكىلەر ئارىسىدا غايىپ بولغاندەك
تاماشىبىنلارنى قىزىقتۇرغاندەك –
بىر تەپسىلاتتۇر بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز.

مەن ۋە سەن
گاھ بىر نۇردەك پەيدا بولدۇق،
گاھ بىر قاراڭغۇدەك غايىپ بولدۇق،
كىشىلەر – كىشىلەر بىر ئورمانلىق،
ئۇلارنىڭ بىزنى يوشۇرۇش ياكى ئاشكارىلاش ۋەزىپىسى يوق.

مۇزىكا – بىز چۈشەنمەيمىز
بىز ئويناۋاتىمىز، ئويناۋاتىمىز، ئويناۋاتىمىز.
مېنىڭ قاتمۇ – قات يەرلىرىم
سېنىڭ ئوچۇق يەرلىرىڭنى يۈگىگەن.

«ئەقلىنى تاپار» دەپ تەسەللىي بېرىشتى،
مەن ئەقلىمنى تېپىشتىن قورقىمەن،
بىلىمەن، ئەقلىمنى تاپسام
مۇزىكا توختايدۇ، سەھنە توختايدۇ، تاماشىبىنلار توختايدۇ،
توختايدۇ كېچە
ئىككىمىزنىڭ مۇقەررەر ئارىسىدا.

مەن قارامتۇل بالا ئەمەس
سەنمۇ ئېگىزرەڭ قىز،
سېنىڭ قولۇڭدىكى پەتنۇس، مېنىڭ قولۇمدىكى تايىنى يوق نەرسە
بەلكىم تاماشىبىنلار تەرىپىدىن ئويدۇرۇلغان،
مۇزىكا – بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدىن قالغان ئەكىس سادا،
سەھنە – يەرگە چېچىلغان بىر نەچچە تامچە قان…

2016- يىلى 19- دېكابىر

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ