بۇلبۇل بلوگى

0

ئوخشىماي قالدى

218

شۇنچە ئاختۇرسام تۈزۈك قاپاق يوق،
باراڭ-باراڭغا ئوخشىماي قالدى،
ھېچكىمنىڭ لەۋزىدە ئەھدى ۋاپا يوق،
پاراڭ-پاراڭغا ئوخشىماي قالدى.
تەمە ئوتى ياقتى كۆڭۈل كۆزىگە،
سالام-سالامغا ئوخشىماي قالدى.
ئۆزگىرىپ تۇرىدى يارنىڭ قارارى،
جانان-جانانغا ئوخشىماي قالدى.
<<مىھراپتىن چايان>>چىققىنى قىززىق،
پالان-پالانغا ئوخشىماي قالدى.
دەلدۈش تۇرۇپمۇ بىرەر پەتىۋار،
ساراڭ-ساراڭغا ئوخشىماي قالدى.
ئېشىڭنى يەپمۇ،بېشىڭنى يەيدۇ،
بالاڭ-بالاڭغا ئوخشىماي قالدى.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ