بۇلبۇل بلوگى

0

ساپال كوزا

256

ساپال كوزا

يۈز يىللىق ساپال كوزىلار سۇنغان، داتلاشقان

تەلمۈرۈپ ياتىدۇ كۆككە، بۇلۇتقا.

ئادەملەر ئالماشقان، ۋاقىت ئالماشقان

تۇپراقتىن لاي ياساپ تەڭلىمەس ئوتقا.

مەھەللە كۆللىرى رىۋايەت ھازىر

سۇ ئالغىلى چىققان قىز خىرە بىر چۆچەك.

كارۋان تۇلۇملىرى ۋە سۇ قاپاقلىرى

ۋاقىت تاشيولىدا دەسسەلگەن چېچەك.

كولىساڭ ئۆتمۈشنى ساپال كوزىلار

ئىچىدە لىق تىللا….ئويغانساڭلا يوق.

قوغداپ ياتارمىش ئۇنى يىلانلار

شۇنداق خاتىرلەنگەن تارىخلار تولۇق.

مەن بىر ساپال كوزىمەن، ئەزىزىم، جانىم،

ئىچىمدە لىققىدە تىللارەڭ ھەسرەت.

ئۇچراتساڭ ناۋادا يۈز يىلدىن كېيىن

ئۈستۈمگە دەسسىمەي ئەگىپ ئۆتۈپ كەت.

2014.12.8

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ