بۇلبۇل بلوگى

0

قىزىلگۈلنىڭ يەنە بىر ئىسمى

226

قىزىلگۈلنىڭ يەنە بىر ئىسمى

يەنە بىر ئىسمىڭ سۈكۈتتۇر جەزمەن

خۇشپۇراق خىيالدا تەۋرىنىپ تۇرغان.

مەن ساڭا بېغىشلاپ شېئىر يازمىدىم

بەرگىڭنى يۇشۇرۇن سۆيگىنىم يالغان.

سەن قۇۋناق كۈنلەرنىڭ شاھىدى ئەمەس

ھەسرەتلىك سۆيگۈگە سىمۇۋۇل پەقەت.

ئاشىقلار قەلبىنى قان قىلماق ئۈچۈن

تەقدىردىن بېرىلگەن سوۋغاتسەن ئەبەت.

سۆيىمەن قايغۇلۇق تەبەسسۇمۇمدا

شەپەقتەك قىزارغان بەرگىللىرىڭنى.

كەچمىشلەر خازانى تولغان يول بىلەن

ئىزدەيمەن سوۋۇغان مۇزدەك لېۋىڭنى.

تېنچىغان كۆڭۈلنىڭ دېرىزىسىدىن

تۇرىسەن سۈكۈتتە يىراققا قاراپ.

سېنىڭ شۇ پەرىشان تۇرقۇڭدىن ئاستا

بىر غېرىپ گۈزەللىك چىقماقتا يامراپ…

2015.1.5

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ