بۇلبۇل بلوگى

0

ئۆتكەن كۈنلەر

277

ئۆتكەن كۈنلەر

گۈلبەرگى ئۇ چېچىلغان يولغا

قۇۋناق ۋاقىت شاخلىرى تۆككەن.

ياكى ئاپئاق مەرۋايىت چوقۇم

سەدەپ بولۇپ دېڭىزگە چۆككەن.

قوللىرىدىن نەم قىرغاقلارنىڭ

تارتىپ ماڭماق بولغان ئاق بۇژغۇن.

بۇلۇتلارنىڭ مەڭزىدىن سىرغىپ

قۇملۇقلاردا ئۈنگەن كۆك يۇلغۇن.

مەڭگۈلۈكنىڭ تىمتاس يولىدا

كېتىۋاتقان يالغۇز يولۇۋچى؛

قولۇمدىكى ئالتۇن يىپ دېسەم

تېپىلمايدۇ يەنە بىر ئۇچى.

تەقدىرىمگە زەن سالىمەن جىم،

سېغىنىشقا تولغان ئۈنلەردىن.

يۈرىكۈمنى كۆرىمەن قۇۋناق

ئۆتۈپ كەتكەن ئەشۇ كۈنلەردىن.

2015.1.7

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ