بۇلبۇل بلوگى

0

ئۆتمۈش   

206

 
خېلى بۇرۇنقى ئاشۇ
تۆگىنىڭ قۇيرۇقىدەك كەمتۈك يىللاردا
چۆلدىكى ئالۋۇندەك خىرە ئايلاردا
بىرـ بىرىگە تۇتۇشۇپ كەتكەن پەرقسىز كۈنلەردە
ھەممە ئادەم بۇ دۇنياغا بېشىدىن تارتىپ كىرگۈزىلەتتى
جىگدىنىڭ ئالتۇن چېچىكى بىلەن قۇمنىڭ مىس دانچىلىرى
كۆڭۈل ئاينىغىدەك پۇرايتتى
جېنىغا ئىچى ئاغرىمايدىغان كۆرۈمسز ئادەملەر
قىشنى باھارغا سولىۋېلىپ
تەرەپ ـ تەرەپتىن ھاقارەتلەيتتى
ئۆمىلەپ ماڭىدىغان سۇ شۇ چاغدا بايقالغان
ھەممىلا ئادەمنىڭ سول قاپىقى ئەتىگەندىلا تارتاتتى
بىر ـ بىرىگە : ساڭا خۇدانىڭ ئىچى ئاغرىسۇن ، دېيىشەتتى
مېۋە ئوغرىسى ، كىتاب ئوغرىسى ۋە خوتۇن ئوغرىسى ئوغرى ھېسابلانمايتتى
دۇنيا ھېچكىمگە ھېچنېمىنى ۋەدە قىلـمايتتى
ئەزرائىل قېرىلارنىڭ بىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالـمايتتى
ئەرلەر ئاياللارنىڭ پۇتىغا، ئاياللار ئەرلەرنىڭ قولىغا قارايتتى
خۇدا كېچىچە ئۇخلىماي چىرايى ئوخشايدىغان ئەر ـ ئاياللارنى بىر بىرىگە جۈپلەيتى
ئەر ـ ئاياللار توي قىلغاچقىلا بالىلار تۇغۇلاتتى
بىز قاچان چوڭ بولىمىز ، دەپ سورىسا بالىلار
ئاپتاپ چىققان پەيشەنبە كۈنى ، دەيتتى ئانىلار
بىز قاچان بەختلىك بولىمىز ، دەپ سورىسا ياشلار
تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە يەتكەندە ، دەيتى چوڭلار
پەيشەنبە كۈنى ئاپتاپ چىقمايتتى ، تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە يەتمەيتتى
ھەممە ئادەمنىڭ ئۆيىدە بىردىن كونا ئوچاق بار ئىدى
ھېچكىممۇ ئوتىنى ئۆچۈرۈشكە پېتىنالـمايدىغان ھەممە ئادەمنىڭ ھويلىسىدا بىردىن قاراڭغۇ قۇدۇق بار ئىدى
ھېچكىممۇ ئاغزىنى ئاچالـمايدىغان
ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىدە بىردىن غەلىتە ئۈمىد بار ئىدى
ھېچكىممۇ ئاغزىدىن چىقىرىشنى خالىمايدىغان

ئۇ ئاشۇنداق بىر چاغ ئىدى
ھازىرمۇ پات ـ پات داۋاملىشىۋاتقان

2015 ـ يىلى 15 ـ ئىيۇن

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ