بۇلبۇل بلوگى

0

ئۆسەك سۆز

222

شۇ دەقىقىلەردە
نامەلۇم كىشى
ئون توققۇز قەۋەتلىك ئىمارەتنىڭ ئۆگزىسىدە
مېنى قارىغا ئالدى

ئۇزۇن مىلتىقنىڭ سوغۇق توچكىسى
تۇتىشىدۇ مەن بارىدىغان يىراق ئورمانغا
ئۇ جايدا قۇشلار يىقىملىق سايراپ
گۈل-چېچەكلەر ئېچىلىدۇ
كۆرۈنمەس كىشىلەر تونۇش ئاۋازدا
ئاڭلاپ باقمىغان راست گەپلەرنى تارقىتىدۇ

مەن قولۇمدىكى ئىسسىق قاننى يۇزۇمگە سۇرتۇپ
سۆزلەشكە باھانە ئىزدەيمەن

ئاندىن كىشىلەر مېنى ئۆلدى دەپ گەپ تارقىتىدۇ
شۇ سۆزلەرنىڭ ھاياجىنىدا
بەزىلەرنىڭ يۇرىكى يىرىلىپ
كۆزلىرى چاچراپ چېقىدۇ
بەزىلەر كۆز يېشى چىلانغان كوزىنى قىنىپ-قىنىپ ئېچىپ
چۇش سەيلىسى قىلىشقا باشلايدۇ

ئەلۋەتتە مەن بۇ سۆزلەرگە ئىشەنمەيمەن
لېكىن ئىشەنمىسەممۇ
ئۆزۈمنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىمەن
ھاياجانلىنىپ كېچىچە ئۇخلىيالمايمەن

بۇ سۆزلەر
تۇرمۇشۇمنى قالايمىقان قىلىۋىتىدۇ
ئىلگىرىكىدىنمۇ ھورۇنلىشىپ
كىملەرگىدۇر مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە قارايمەن
باشقىلارنى قانداق يوقۇتۇشنى پىلانلايمەن
تاملارغا،تېرەكلەرگە ئىسمىمنى ئويۇپ
ئەتراپىغا چەمبىرەك سىزىپ قويىمەن
ئاندىن سەۋەبسىز ئەندىشىگە چۈشۈپ
كىملەرگىدۇر ياخشىچاق بولۇشقا باشلايمەن
كىملەرگىدۇر مەنىلىك كۇلۈپ قويىمەن
ھەممە كىشى ئاڭلاپ بولغان تەغدىردىمۇ
مەن خەۋەرسىز
ئاڭلىمىغان بولىۋىلىپ ئاخىرىغىچە
شۇ سۆزدىكى تۇرمۇشتا ياشايمەن
شۇ سۆزدىكى كۈچلۈك ئىنتۇناتسىيە
يۈرىكىمگە قان يەتكۈزۈپ بېرىدۇ
شۇ سۆزدىكى لىرىك مىسرالار
ھويلىمىزنىڭ ئەتراپىدا قىزىلگۈللەرنى ئېچىلدۇرىدۇ
شۇ سۆزدىكى دەبدەبىلىك ئىگە
مېنى كارۋاتتىن تۈرتۈپ ئويغىتىدۇ
شۇ سۆزگە قويۇلغان چېكىت
دەل چىكەمنىڭ سول تەرىپىگە يېتىپ كېلىدۇ

نامەلۇم كىشى مېيىقىدا كۈلۈمسىرەيدۇ

تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۈرۈشى بىلەن
ئەزرائىل ۋاقتىدا كېلىپ
ئۇنى دەرگاھىغا ئېلىپ كەتتى

مىلتىق ئىستۇلىدىن كۆتۈرۈلۈپ ئىس
قوللىرى تىترەپ كېتىدۇ

نامەلۇم كىشى پەلەمپەيدىن چۇشۇۋاتقاندا
قوشنىلار دۇكۈرلىشىپ يېتىپ كېلىدۇ

«بىز…بىز…»
مەن بۇ ئۆسەك سۆزنى دەپ
ھەممە كىشىنى قورقۇتىۋىتىمەن!

2012-يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ