بۇلبۇل بلوگى

0

ئورتاق جىنايەت

237

ياڭاق دەرىخى ئاستىدا
ئانا سېغىزخان قاناتلىرىنى رەتلەيدۇ.
مەن چىملىقتا مېڭىپ يۈرىمەن،
مىسنىڭ داتلىشىپ كېتىشىنى باشتىن كەچۈرگەچ
سەرگەرداننىڭ ئىنتىقامىنى تاپماقچى بولىمەن.

گەرچە
بىز تېخى ناھايىتى ياش،ساق-سالامەت بولساقمۇ،
ئەمما
ئەھدىمىزدە چىڭ تۇرۇپ،
خۇددى بىر دولقۇنغا ئوخشاش چېكىنىشنى
دەرەخنىڭ ئازابلىق بالىياتقۇسىغا-
ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىي ماكانىغا چېكىنىشنى ئارزۇ قىلىمىز.

قوۋزاقلا پۈتۈنلەي تۆكۈلىدۇ-
ياڭاق دەرىخى ئۆچەككە كىرمەكچى،
بىراق سېغىزخاننى چۆچۈتمەكچى ئەمەس.
مەن ئەسلى ئورنۇمغا قايتىمەن،
نۇردىن ھاسىل بولغان شىلەپەمنى قولۇمغا ئالىمەن.
سەرسانلىق-
ئۆزىنىڭ يامان نىيىتىنى ئاشكارىلاش دېمەكتۇر.

مەن ئەسلى ئورنۇمغا قايتىمەن.
جىنايەتكار بالىلار پىنھان يەرگە تاش ئاتىدۇ،
غەم-ئەندىشىسىز ھۇجۇم قىلىدۇ!
مەن بىرتال يۇمران يوپۇرماقنى ئالقىنىمدا ئىزىپ
مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان سۇيۇقلۇق ياسايمەن.
بىر تال قارا سىزىق يەڭگىل چاقچاققا ئايلىنىدۇ.
مەن ئۆزۈمنىڭ مول خىياللىرىم بىلەن
سېغىزخاننىڭ قاناتلىرىنى يۇيىمەن.
ئىنتىقام-
بىر دەقىقە چىداش دېمەكتۇر.

بىز تېخى ناھايىتى ياش،
ئۆزىمىز ئويلىغاندىنمۇ ياش.

1994-يىل ئۆكتەبىر،بېيجىڭ

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ