بۇلبۇل بلوگى

0

ئۆمۈر خاتىرەمدىن

256

دەۋرى ئىلكىدە بۇ جانىم،

بۇلبۇل بىناۋا بولدى.

سەيرى ئەتمەككە بۇ جانىم،

شەيدائىي ھاۋا بولدى.

بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىككە،

قوشتۇق يانا ئىككىنى.

بۇ يىل يۇرتىمىزدا،

چوڭ پۈتمەس بالا بولدى.

قەشقەر يېڭى شەھىرىدە،

دۇشمەن بىلەن جەڭ قىلماق.

باش ۋەكىلنىڭ ئەمرى دەپ،

مىلتىقنى ئاتا بولدى.

سوقۇش بولدى ئون ھەپتە،

قانلار ئاقتى ھەر سەپتە.

مەن ئالدىدا ئوڭ سەپتە،

ئەسكەردىن جۇدا بولدى.

يوق بولدى ماڭا سىدىق،

قولۇمدا ئىككى مىلتىق.

گەر كەلسە يېقىن دۇشمەن،

كۆكرەكنى يارا بولدى.

جەڭ ئوتى قىزىپ كەتتى،

ئەقلىممۇ ئېزىپ كەتتى،

سوقۇشمۇ؟! تاماشامۇ؟!

ئىش ئەمدى خاتا بولدى.

پەيشەنبە كۈنى كەچتە،

سائەتمۇ ئىدى بەشتە.

ساراڭ لەڭزىگە ئەگىشتە،

دۈشمىنىم ئاتا بولدى.

تەگكەن ئىدى گەردەندىن،

ئۆتۈپ چىقتى دەنداندىن. دەندان_چىش

پارچىلىۋەتتى ئېڭىكىمنى،

جاندىن ئايرىلار بولدى.

ئوق تەگدىيۇ ھوش كەتتى،

دوستلارغا خەۋەر يەتتى.

ئۆلگەن  دەپ گۇمان ئەتتى،

گۆرگە ئۇزىتار بولدى.

جېنىڭنى ئالارمەن دەپ 

قابىز كەلدى بىر ياندىن، قابىز_ئەزرائىل

ھەق ئېتىنى  جېنى تۇرسۇن 

دەپ رەھىمى نادا بولدى.

ھەقنىڭ يارلىغى يەتتى،

قابىز پەيلىدىن قايتتى.

يېنىمدىكى دوستلارغا،

جېنىمدىن سادا بولدى.

ئەڭ ئاخىرقى ئۆمرۈم دەپ،

ئىلاللەنى  ياد ئەيلەپ،

خىرقىرىغان نەپەس يۈردى،

ئۆلگىنىم خاتا بولدى.

دىللاردىن بولۇپ ۋولقان،

ياسىن پاتىھە قۇرئان،

بېغىشلاپ ماڭا شۇئان،

شەپقەتلەر ياغا بولدى.

دوستلار دىللىرى زارى،

قېنىم توختىماي جارى.

ھەر كىمنىڭ سۆيەر يارى،

شۇندا ئايرىلار بولدى.

ئارىدا ھايال ئۆتمەي،

كۆتۈردى مالال بولماي،

تېزلىك بىلەن دوختۇرغا،

يەتكۈزۈپ ئادا بولدى.

جېنىم بولدى ۋەيرانە،

كەلتۈردى شىپاخانە،

ھەقنىڭ ئەمرى شۇنداق  دەپ،

سەبرى بىلەن ياتار بولدى.

گەجگەمدىن تەگكەن ئوق،

ئۆڭگەرچەك ئىدى يىرتۇق،

شۇڭلاشقا بەرگەن سۇ،

كانايدا تۇرار بولدى.

يۈرەك ئۆرتىنىپ پۈتتى،

تەندىن ماغدۇرۇم كەتتى،

ئەجەل شەربىتى ئەمدى،

راستلاردىن داۋا بولدى.

دوختۇرلار بولۇپ ھەيران،

ئىزدىشىپ ئامال ھەر يان،

تاپماستىن بىرەر دەرمان،

قارىشىپ تۇرار بولدى.

ئۈمىد ئۈزدىلەر جاندىن،

سۆزلەشمەكتە ھەر ياندىن،

بىچارىنىڭ تۇپرىقى،

غۇربەتتە قالا بولدى

شۇ ئارىدا بىر دوختۇر،

كۆپ جىددىي جەھەت ئەيلەپ،

ماشىنىغا سۈت ئېلىپ،

كانايغا قۇيار بولدى.

سۈت بەرگەچ بىر ئاز ئارام،

غەمقايغۇ بولدى تامام،

دورا بىلەن شەربەتتىن،

روھۇم ياشىرار بولدى.

باغرىم بولدىلەر بەريان، بەريان_كاۋاپ

دەردىم ئىدى يۈز چەندان،

يوق بولغاچ توققۇز دەندان،

چاينىماي يۇتار بولدى.

كۆپ ئاقتى مىنىڭ قانىم،

چىقىپ كەتتى يېرىم جانىم،

ئەمدى:  نېمشېھىت  نامىم،

تارىختا قالا بولدى.

كۈنلەرمۇ ئۆتىۋەردى،

ھەپتىلەر پۈتىۋەردى،

مەن دوختۇردا ياتقانغا،

ئىككى ئاي راسا بولدى،

سوقۇشمۇ بولىۋەردى،

ئادەملەر ئۆلىۋەردى،

كىملەر دوست ۋە كىم دۇشمەن،

بايقىماي ئاتا بولدى.

دۈشمەنلەر بولۇپ بىر ئوت،

خەلقلەرنى قىلدى نابۇت،

يامۇل ئىچىدە ساۋۇت، ساۋۇت_ساۋۇت داموللا ھاجى

كىمگە پادىشاھ بولدى.

دۈشمەنلەر چىقار ئوقتەك،

ئەسكەرلەر قاچار دۇتتەك،

خالىغانچە خەقلەرنى،

ئايىماي بۇلار بولدى.

يۇرتلارنى قىلىپ ۋەيران،

خەلقلەرنى قىلىپ سەرسان،

مېلىنى بۇلاپ يەكسان،

يېڭى شەھەرگە يانا بولدى.

ئارقىدىن كېلىپ ئەسكەر،

قولىدا قەلەم دەپتەر،

كىم ئاش بەردى، كىم ئات _ دەپ

دۈشمەنگە يازار بولدى.

دۈشمەنگە تەرەپسەن دەپ،

ئات ئۇلاق بېرىپسەن! _دەپ،

دىنىڭدىن چىقىپسەن! _دەپ،

دارلارغا ئاسار بولدى.

بىرسىدىن بۇلانغانلار،

بىرسىدىن تالانغانلار،

زۇلۇمدىن تولا جانلار،

زىنداندا ياتار بولدى.

ھىجرىيە 1352-يىل، شەئىبان ئېيى

1933-يىل، قەشقەر

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ