بۇلبۇل بلوگى

0

ئۆلۈمگە يېقىن

236

نامازشامنىڭ ئالدى-كەينى، قىش ۋاقتى؛

بىر كېسەل ھوجرىسىنىڭ دەرىزىسىدە؛

يالغۇز مەندىلا ئەمەس يالغۇزلۇق ھالى؛

دېڭىز قاپقاراڭغۇ، كۆك يۈزىمۇ ھەم؛

بىر ئاجايىپ قۇشلارنىڭ ھالى.

 

يوقسۇل ۋە تىكەندەك يالغۇز بولساممۇ؛

نامازشامنىڭ ئالدى-كەينى، قىش ۋاقتى؛

مېنىڭمۇ بېشىمدىن سەۋدالار كەچتى؛

شۆھرەت دەمسەن، خوتۇن ياكى مال- دۇنيا ئىشقى؛

زامان بىلەن چۈشىنەركەن ئىنسان دۇنيانى.

 

ئۆلىمىز دەپ كۆڭلۈڭ يېرىم بولدىمۇ؟

نېمە قىلدۇق، نېمە كۆردۇق بۇ دۇنيادا

ئەسكىلىكلەردىن باشقا؟

 

ئۆلگەندە كىرلىرىمىزدىن پاكلىنىمىز،

ئۆلگەندە بىزمۇ ياخشى ئادەم بولىمىز؛

شۆھرەت دەمسەن، خوتۇن ياكى مال- دۇنيا؛

ھەممىسىنى ئۇنۇتىمىز.

 

 

كۈن كېلەر

 

كۈن كېلەر، ئېلىپ بېشىمنى كېتەرمەن،

دېڭىزدىن يېڭى چىققان تور ھىدلىرىدا.

ئۇ ئارال سېنىڭ، بۇ ئارال مېنىڭ،

چۈشىۋېلىپ چايكىلارنىڭ ئارقىسىغا.

دۇنيالار باركى، ئەقلىڭ يەتمەيدۇ،

گۈل-چېچەكلەر داۋراڭ بىلەن ئېچىلار،

داۋراڭ بىلەن ھورلار چىقار تۇپراقتىن.

چايكىلار، بولۇپمۇ شۇ چايكىلار

ھەر بىر تال پېيىدا ئايرىم ھاياجان!

كۈن كېلەر بېشىمغىچە كۆك

كۈن كېلەر بېشىمغىچە قۇياش،

كۈن كېلەر ، ساراڭلاردەك…

 

سول قولۇم

 

مەست بولدۇم شۇڭا

يەنە سېنى ئەسلىدىم؛

سول قولۇم،

يېڭىياچى قولۇم

بىچارە قولۇم!

 

* * * * * * *

ئورخان ۋەلى كانىك ( تۈركىيە)

ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ