بۇلبۇل بلوگى

0

ئۆلۈم ناخشىسى

256

بال ھەرىسىنىڭ ئىزدەشلىرىگە،
قوزغۇن سايىسىنى قالدۇردى دېسەم
بېرىپ كېتىپسەنغۇ پىچىرلىشىڭنى !؟

ئاتەش قۇتىسىدىن چېچىلغان ئۇچقۇن،
ئالما رەڭ كۈلكەڭگە تىزاي دەپ چاڭگا.
غازاڭ دۆۋىسىنى يۈرەر مالتىلاپ.
ئۇپۇق سەھنىسىدە كۆرسىتىپ سېھىر،
سەن ماڭا قالدۇرغان پىلاستىنكىنى،
كىمدۇ ئورماندىن قاچتى ئوغۇرلاپ.

دېرىزە ئالدىدا تۇرىمەن ئەمدى
قېنى دەپ ئىمزاسى سېخىي رەسسامنىڭ،
ئالدىمدا خۇشپۇراق تەۋرەنگەي توقاي.
قۇشلار ناخشىسىدىن يوللاپ بىر مەكتۇپ،
مېنى ئېلىپ كەتتى بۇ يەردىن چىللاپ.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ