بۇلبۇل بلوگى

0

ئۆلسە دەيسىلەر

253

ئۆلسە دەيسىلەر مېنى
بىر تال چىۋىندەك پالاق ئاستىدا جان بەرسەم
دىققىتىنى تارتمىسام
ئۆلتۈرگۈچىلەردىن باشقا ھېچكىمنىڭ.
چىۋىن ئۆلسە
«چىۋىن ئۆلۈپتۇ» دېمەيدۇ ھېچكىم.
ھەممىسى ئۆز ئىشى بىلەن؛
ئاشخانىدا تاماق ئىتىۋاتقان ئايال
تامىقىنى ئىتىۋىرەر خىيال ئارىلاش،
بالكۇندىكى ئەر
تاماكىسىنى چېكىۋىرەر
خىيالىدا ئاشۇ قەلەمقاش.
چىۋىن ئۆلتۈرگەن بالا پالىقىنى تاشلاپ
داۋاملاشتۇرار تاپشۇرۇقىنى؛
ماتېماتىكىدىكى بىر مەسىلە
بايان ماقالىسى يېزىش ۋەزىپىسى
ئۇنى بىئارام قىلار
ئۆلتۈرۈلمەي قالغان چىۋىندەك.
چىۋىننىڭ جەسىتى چاپلىشىپ قالغان تام
ئۇ يەر – بۇ يەرگە چېچىلغان قان
ئۆلگەن چىۋىنگە تۇتىدۇ ماتەم
ئېشىپ قالغان بىر لوقما تائام.

 

بىراق كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر
مەن تېخى ھايات،
چىرايىڭلاردىكى ئەپسۇسلۇق تۇمانلىرىدەك
سۈرۈلۈپ كەلدىم ئۆزۈمگىچە تا
باھار شاماللىرىدەك ياكى تۇپا-بورۈندەك
قۇنۇپ ئاستا ئۈستى – بېشىڭلارغا.

 

بىرەر ماشىنا ئۆتمىدى
مەن ماڭىدىغان يولدىن
ئەزرائىل يېقىنلاپ كەلگەندە
چۈشۈپ كەتتى خەنجىرى قولدىن.
يول بويىدىكى دەرەخلەر يىقىلدى
مېنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىمگىلا
كىمدۇر بىرى ئاتقان خائىن ئوق
تەگدى كېلىپ بىر كونا تامغا…
قانداق قىلاي
تەلىيىم كاج كەلگەندەك دائىم
ئېشىپ قالدى يەنە ھاياتىم.
كېتىۋاتىمەن بىر پەرىشتىدەك
ئۆز ناخشامنى ئېيتقىنىمچە جىم.

 

ئۆلسە دەيسىلەر
رەھمەت سىلەرگە،
ئۆلسە دېگەن نەرسىلەرنىڭ
ياشايدىغانلىقىنى ئۆلۈمدىن ئۇزاق
سىلەر بىلمەيسىلەر.
… بىلمەيسىلەر.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ