بۇلبۇل بلوگى

0

نەۋائىي غەزىلىگە مۇخەممەس

266

سايىدەك ئەگەشتى ھىجران باغلىنىپ نامىم بىلە،

بىر سۆيۈنسەم نېم بولاتتى ۋەسلى ئەييامىم بىلە،

شۇنچە يىللار كۈيلىسەممۇ زەۋقى ئىلھامىم بىلە،

بىر قەدەھ مەي ئىچمەدىم سەرۋى گۈلئەندانىم بىلە،

بىر نەفەس ئۆيرۈلمەدى دەۋران مېنىڭ كامىم بىلە.

مەنمۇ غەمسىز ياش، گۆدەك بولدۇم ئېسىمدە بىر زامان،

ئەمدى مەندەك مۇپتىلانى ھېچ تاپالمايدۇ جاھان،

مەي شىپا بولغاي دېدى، مەن مەيپەرەس بولدۇم شۇ ئان،

ھەر مەيكىم ئانىسىز ئىچتىم تاپقىلى غەمدىن ئامان،

زەھرى غەم گويا ئېزىلمىش ئېردى ئول جامىم بىلە.

دەر ئىمىش بۇلبۇل سەھەردە: ”مەن گۈلۈم ئارمانىدا“،

قانچىلىك ئارمان ماڭا، تۇرسا ئۆزى گۈل يانىدا.

بىر كۆرەلمەي يار يۈزىنى قان يۇتۇپ ئەفغانىدا،

تۈنگە يەتمەس كۈننى ئۆتكۈزدۈم ئۆلۈپ ھىجراندا،

كۈنگە يەتمەيمەنۇ ۋەھ بۇ سۈبھى يوق شامىم بىلە.

مەيلى دەر پەرۋانە ئەلۋەت، قانچە كۆيدۈرسە چىراق،

كەتمىگەي يار سۈرىتى ھەرگىز خىيالىمدىن يىراق،

بىر كۆڭۈلگە سىغماس ئېركەن ئىككى يار، ئىككى پىراق،

كۆڭلۈم ئىچرە يار غېمى، كۇفىر ئىچرە ئۆلسەم ياخشىراق،

ئەھلى زۇھد ئالدىدا بارغۇچە بۇ ئىسلامىم بىلە.

يەنە كۆيدۈرگەي پىراق، مەنمۇ كۆيەي ھېچ ئۆچمەندىن،

ھەر سابا ئۈمىد بىلەن ئۆزگە خىيالغا كۆچمەيىن،

ئۆلمىگەي مىسكىن لېكىن ۋىسال كۈنىنى قۇچمايىن،

ئى نەۋائىي، ئۆلسەم ئارمان ئىلىتكۈمدۇر ئىچمەيىن،

بىر سۇبۇھى گۈل ئۇزارى بادە ئاشامىم بىلە.

1969-يىل دېكابىر، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ