بۇلبۇل بلوگى

0

نازۇك

243

“تىرىڭ” ىڭىدە قىلدى
جانان چىنە چېقىلدى

پارس – تۈركىي ئارا
ئەلىشىر نەۋايى شۇ مىجەزى بىلەن يېقىلدى

توختات! – دېدى
مانجۇ توقاللىرىدەك
ئاستا، ئاستا، ئاستاغىنە
دەسسىدى

ئەر بولۇشقا ئۇرغۇغان بىر قىز
باغرىمدا يىقىلدى
يۇم – يۇم يىغلىشى نالىسى ئەمەس
تېقىملىرى غايىسى ئەمەس

مەن ئويلاپ باقمىغان “نازۇك” ئاتلىق بىر جۇۋاننىڭ غەمزىلىرىنى
مەن جۆيلۈپ باقمىغان شەيتان ئاتلىغاندىن كېيىنكى جىم – جىم ئىشلارنى

ئاغىنەم قۇربان بوراننىڭ ئۆيىگە مۇنداق قەغەز چاپلانغان: تېھران 1943
بۇ ئۇنىڭ “قارا يەكشەنبە” نىڭ ئارقىسىدىكى سىرلىق بىر ئىشى
تەلۋىلىك ئېكرانغا ئاقتى
مەن ئوقىغان تارىخ بىر – بىرلەپ ئۈستىخانىمدىن ياندى

رەھمەتلىك ئانام ئاشقا تۇز سېلىپ دادامغا تېتىتاتتى
بەك ئوخشايتتى

بۇنىڭ ھەممىسى ھېچكىمگە دېمەي بولىۋاتقان ئىشلار ئىدى
2016 – يىلى، 10 – مارت، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ