بۇلبۇل بلوگى

0

ناشتا

206

غىل-پال چاقنىغان تەلۋىلىك نۇرى

مۇساپىلەرنى ئۈزۈل-كېسىل بىتچىت قىلىۋېتىدۇ…

نەچچە يۈز يىللىق تىرىشچانلىقتەك يوققا چىقىپ

ئەخلەت ئورەكلىرىدەك چارىسىز،

قارشىلىقسىز،

بوينى پۈكۈك،

قاپىقى تۈرۈك،

ئاغزىدا لىققىدە تۈكۈرۈك

شاھىت بولىدۇ تەنھالىق ئۆزىنىڭ

ئون ئىككى سائەتلىك ئەمەلدىن قېلىشىغا…

 

ھايات بىر زەھەر

يۇتۇم، يۇتۇم ئىچىلىدىغان ئۆلگەنگە قەدەر

بىر كۈنى سەھەر

مەن بىلەن ناشتا قىلىدۇ بۇ شەھەر…

 

2015.11.11

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ