بۇلبۇل بلوگى

0

ناھايىتى ئۇزۇن بولدى

208

ناھايىتى ئۇزۇن بولدى، دېيىشتىن ئاۋۋال

ئويلاپ چىقىمەن ئۇنىڭ چېكىنى

ئۇنىڭ چېكى بەلكىم مۇھەببەتتەك ئېنىقسىز

ئۇنىڭ چېكى بەلكىم قورقىتار كىشىنى،

ئۇنىڭ چېكى بولۇشى مۇمكىن بولغان خىياللار

ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلدى ئۇزاقتىن

مەن قاراپ ياتىدىغان تامدىكى غۇۋا تۆگە ئۆركىشىدەك،

ئۇنىڭ چېكى بولۇشى مۇمكىن بولغان ئاياللار

مېنى ئېزىقتۇرالماي ئازدى ئۆزلىرى

ئازدى مېنىڭ ئەتتىگەنكى ئارزۇيۇمدەك

تالاغا چىقىشتىن ئاۋۋال،

مېنىڭ شۇ چاغدا نېمىلەرنى ئويلىغىنىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ

ئۈستۈمگە چۈشكەن سوغۇق كۈن نۇرىدىن باشقا،

ئۇنىڭ چېكى بولۇشى مۇمكىن بولغان خاتىرىلەر

بىلىمەن، تاشلىنىپ قالدى ياشلىقتىكى شوخلۇقتەك

مەن ئۇنىڭ چېكىنى يوق دېيەلمەيمەن

تاشلىنىپ قالغان نەرسىلەر ئارا.

 

ئۇ چاغدا بىز ئۇچرىشاتتۇق ئىككى يولۇچىدەك

بىزنىڭ يۈكىمىز كۆزلىرىمىز ئىدى

بىزنىڭ مەنزىلىمىز كۆزلىرىمىز بولدى

كۆزلىرىمىز دوستلىرىمىزدەك

ھېچكىمگە تىنما، دېگەن سىرلىرىمىزنى ئاشكارلىدى،

بىز ئاشىق ئاتالدۇق

مەشۇق ھەققىدە ھېچ تەپسىلات يوق،

بىز قاتىل ئاتالدۇق

جەسەت يوق ھەم يەنە قالغان ھايات يوق،

بىز ئاتالغۇدەك سۆز قالمىغاندا

ۋاقىت چىقتى ھېس قىلىشقا

ئېرىشكىنىمىزنىڭ

ئىزدەش ئىكەنلىكىنى تىنماستىن.

 

ئەمدى مەن سۆزلەشنى ئۆگىنىۋالدىم،

بەزىدە ھېكايەمنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇپ

باشقىلارنىڭ ھېكايىسىگە سالىمەن قۇلاق،

ئۇلار ناھايىتى ئۇزۇن بولدى، دېمەيدۇ

ئۇلار چەك توغرىلىق غەم يىمەيدۇ

ئۇلار ئېرىتمەكچى بولۇشىدۇ

لەۋلىرىمگە تىنماي ئوت قالاپ،

مەن كېيىن تۈگىدى، دەيمەن

ئۇلار كەچ كىرگەنلىكىنى كۆرىدۇ

كۆرىدۇ، بىر ئىشىكنىڭ ئالدىدا

بىر دەرەخنىڭ

تىنچ تۇرغانلىقىنى نەم شامالدا.

 

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ