بۇلبۇل بلوگى

0

نادانلىقتىن گادايلىق پەيدا

154
نادانلىقتىن گادايلىق پەيدا،
گادايلىقتىن مالايلىق پەيدا.
پۈتۈن بولماس نادانىنىڭ نېنى،
نادانلىقتەك نادامەت قايدا؟
پىچاق ئاستۇق، قەلەم ئاسمىدۇق،
مەكتەپ دېسە قەدەم باسمىدۇق.
بىز ئەللەردەك داۋان ئاشمىدۇق،
تېنەپ يۈردۇق جاڭگالدا-سايدا.
كىم غەپلەتتە؟-نادان غەپلەتتە.
كىم ھەسرەتتە؟-نادان ھەسرەتتە.
نادان ئۆتەر ئۆمۈرلۈك دەردتە،
يوقتۇر جايى يۇلتۇزدا-ئايدا.
تىنماي ئوقۇپ ئەپسۇن-دۇرۇتنى،
ئۆلتۈرەلمەي ساقال-بۇرۇتنى،
يوغان قويۇپ ساقال-بۇرۇتنى،
نادانلىققا بولمايلى شەيدا.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ