بۇلبۇل بلوگى

0

مۇزلىغان ئېرىق

198

باھانىلەرنىڭ كۈنلىكى ئاستىدا
رۇسىيە قىرىمنى بېسىۋالغاندەك
بېسىۋېلىپ قاتمۇ-قات
سۇنى كۈن كۆرگىلى قويماپتۇ مۇز
چۆرىسىدە دەپنە قىلىنمىغان چىم
ياپرىقىدىن ۋاپا كۆرمىگەن جىرىم
ئافرىقىلىقلاردەك ئاچارچىلىقتا قۇرۇپ قالغان
ئەتلىرى سېزىپ ئۇستىخىنىلا تۇرۇپ قالغان
كۆمۈرنىڭ ئارىسىدىكى كىچىككىنە چوغدەك
قىسىلچاقتىكى كۆزلىرى پىل-پىل يانغان

ھەئە
ئېرىقتىكى سۇلا ئەمەس
بويىدىكى كۆكاتلارمۇ بىلىدۇ
سۇ قىشتا مۇز ئاستىدىمۇ ياشىيالايدۇ
نورۇزدا مۇزنىڭ ئېرقىدىن سۇ ياسىيالايدۇ
ئىچسە ئاپتاپتىن قېنىپ بىر قوۋۇز

ئېرىقتىكى سۇ
يەنە نەچچە ئايدىن سوڭرە ئۆزى بوپ ئاقار
توشقان، قۇشقاچ ئۇسسۇزلۇقىنى چاقار
چېكىسىگە دەرەخ، قومۇشتىن تاج تاقار
قوينىغا قىپيالىڭاچ بېلىق كىرىپ باغرىنى ياقار
ئىمپېرىيەسىنى جاكارلىسا ئاستىدىكى تومۇز

2016-يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، چەرچەن

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ