بۇلبۇل بلوگى

0

سۆيگۈ خارابىلىرىدا گۈل

256

سۆيگۈ خارابىلىرىدا گۈل- چېچەك

 

1

ئەسكە چۈشىدۇ

مەيۇس ئاخشاملارنى يۇرۇتقاندا ئاي

يىراقلاردا قالغان كۆلەڭگەڭ.

كۈز بىلەن ياز پىچىرلىشىدۇ

ئىچىڭدىكى شامال بىلەن تەڭ.

دېرىزە پەردىلىرى ئېغىر،

باغلاردا سۇكۇنات.

ۋاقىت-قۇرىۋاتقان بىر تال ئەتىرگۈل

سۆيگۈ گويا ئوق تەگكەن قانات.

ئەسكە چۈشىدۇ

ئۇنتۇلغان، ئۇنتۇلىۋاتقان

يىراق-يىراقلاردىن ئاڭلىنىۋاتقان

سۈزۈككىنە قەدەم تىۋىشى.

دېرىزە ئەينەكلىرىم چېكىلەر

ئۆتمۈشۈمدىن تۆكۈلەر

قۇرىۋاتقان گۈلنىڭ ئۆكسۈشى.

مەن سۈكۈتتە….

سۆيگۈ خارابىلىرىدا گۈل- چېچەك

ئۇرۇلغاندا قەلبىمگە تىترەك

ئېچىشىدۇ كۆكسۈمدە يۈرەك.

ئېقىپ ئۆتەر سۇدىن-ھاۋادىن

بىر مۇھەببەت، بىر كەچمىش دېمەك.

2

سىزگە ئېيتالمىغان سۆزلەر زەھەردۇر

ئىچەر ئۇنى

ئىچىمدىكى گۈللەر-گىياھلار.

سىزگە يېتەلمىگەن كۈنلەر شېئىردۇر

ئوقار ئۇنى

پەردىلەنگەن كۆزلەر-نىگاھلار.

ئۇنتۇلۇشقا مەھكۇم سۆيگۈلەر

يۇلتۇزلاردۇر تۈنگە چېچىلغان.

ئىچىمدىكى سېغىنىش گۈلى

تىكەنلەردە چوغدەك ئېچىلغان….

3

مەيۇس ئاخشاملار بۇ، يالغۇز ئاخشاملار…

كۈز شاماللىرىدا سەرمەست.

قېرىۋاتقان دەرەخلەر، گۈللەر

يېنىدىكى ئادەمنى سەزمەس.

ئىزتىرابى سۇغۇق كۆڭۈلنىڭ

قۇيۇقلىشار، زىم-زىيا تۇمان.

يۇلتۇزلارغا قولىنى سوزۇپ

سۇكۇناتتا تەۋرىنەر ئورمان.

2015.9.18

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ