بۇلبۇل بلوگى

0

مۈشۈك يىغىسى

343

بوۋاقلار قەبرىستانلىقى.

ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى.

تارىخ ئاتلىق جالاپنىڭ ئىككى ۋارىقى.

 

قۇشخانىغا ئايلانغان بالىياتقۇلار

شاخلاردەك پۇتىلىدىغان پۇت-قوللار

ئاناردەك سىقىلىدىغان كاللىلار

بېيجىڭ ئۆردەك كاۋىپىدەك ئۈستەلگە تىزىلىدىغان ئورگانلار

مۈشۈكلەرنىڭ بوۋاقتەك يىغىسىنى ئاڭلاۋېتىپ خىيالىمغا كەلدى:

-ئىت -ئېشەك بولۇپ يارالساقچۇ كاشكى!

– دادامنىڭ كىچىك تەرىتىگە قوشۇلۇپ ئېقىپ كەتسەمچۇ كاشكى!

– بىرەر مىللەت ياكى جەمەتكە قوشۇلۇپ نەسلىم قۇرۇپ كەتكەن بولسىچۇ كاشكى!

– ئانامنى يەر يۇتقان بولسىچۇ كاشكى!

دادام بېشىنى يېگەن بولسىچۇ كاشكى!

ئاھ خۇدا، تەقدىرىمنى ئالدىنئالا بىلىپ تۇرىسەن،

شۇنداق تۇرۇپ مېنى نېمىشقا ياراتقانسەن؟

 

مۈشۈك تىلىنى بىلمەيمەن.

لېكىن ئاۋازدىن كەيپىياتنى ھېس قىلىمەن.

مۈشۈك بەلكىم بويتاق قىز-يىگىتلەردەك

تەشنالىققا تەسلىم بولاي دېگەندۇ…

 

مۈشۈكلەر ئېچىنىشلىق يىغلايدۇ،

ھامىلەلەر ئاغرىتماي ئۆلتۈرىلىدۇ…

 

2015 – ئىيۇل

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ