بۇلبۇل بلوگى

0

مۇساپىر

240

يانغىنىمدا: شام كەبى يالغۇزمەن،

تامچە-تامچە ئۆزيېشىمدا تۇنجۇقىمەن.

قانىسام: يۈرەككە ئوخشاش لەختە-لەختىمەن،

ئۇرۇلۇپ، سوقۇلۇپ، تولغىنىپ تۇرىمەن.

كەچمىشىم قەست قىلىدۇ كەلگۈسىمگە،

ھازىردىن قوغلىنىدۇ ھەر بىر كۈنۈم.

قاچار مەندىن: ئالدىم، ئارقام، ئوڭۇم، سولۇم

ھاياتىم: ئۆلۈمدىن ئېلىنغان يېشىل كارتا،

قۇياش: كەينىمگە چۈشكەن كونا ئۆلۈم…

يامغۇر مېيىت سۈيۈمدۇر، زېمىن جىنازام،

يەتتە كەتمەن ياش تۆكىدۇ، يۇرتۇم، ئانام…

 

2016- يىلى مارت، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ