بۇلبۇل بلوگى

0

مۇقام

223

سازچى ياڭراق سازىدا قىلسا سىنى ناخۇن مۇقام.
جان قاناتلانغاي شۇ ئان بولغاچ ساڭا مەپتۇن مۇقام.
سەن بىلەن دائىم ئۆمۈر گۈلزارىمىز گۈلگۈن مۇقام.
دىلغا ئاتەشتەك ھارارەت بەرگۈچى يالقۇن مۇقام.
ئاھ مۇقام، ئوتلۇق مۇقام، گۈلگۈن مۇقام، ئالتۇن مۇقام.

سەن ئۈچۈن چىقتى ساتار، تەمبۇر، فارابى قالونى،
قوشتى نەغمەڭگە ناۋا ساھىر نەۋائىينىڭ ئۈنى،
تىزدى مارجاندەك قىدىرخان ھەم رەشىد، خانىش سىنى،
سەندە بار بىر نەچچە مىڭ يىلنىڭ مۇسىقىي مەزمونى،
نەغمىلەر سورۇنىدا ئورنۇڭ شۇڭا ئۈستۈن مۇقام.

سەندە كۈيلەيدۇ كۆڭۈل كۈيىنى ئۇيغۇر مىللىتى،
سەندە ياڭرايدۇ ئۇلۇغۋارلىق، پەزىيلەت رىغبىتى،
سەندە روشەن سۆيگۈ ئەھلىنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى،
سەندە ئۇرغۇيدۇ ئازادلىق ئاشىقىنىڭ جۈرئىتى،
سەن ئازادلىق ھەم گۈزەللىك ئىشقىغا ئۇيغۇن مۇقام.

ھەر مۇقامنى خوددى بىر دەريا دىسەك، كۆپ تارمىقى،
ئاقىدۇ شەربەت ئۇنىڭدا ھەمدە بار سۈت-قايمىقى،
ھەر مۇقامنى بىر دەرەخ دىسەك، ئۇنىڭ كۆپتۇر شېخى،
كۆزلىرىڭنى چاقنىتار ھەر شاختىكى گۈل، ياپرىقى،
جانغا راھەت، دىلغا ئارام، مىۋىسى نۇرغۇن مۇقام.

ھەممە ئادەم ئىنتىزار ساز تەڭشىلىپ باشلانغىچە،
ئويغا چۆمگەن بىر ھازا «چوڭ نەغمە»گە ئاتلانغىچە،
دىل گويا دەريا بولۇپ ئۆركەشلىنەر «داستان»غىچە،
ئېيتسا بىر داستانىمۇ پۈتمەيدۇ ھەتتا تاڭغىچە،
مەشرىپى ئۈندەر ئۇسۇلغا، پەيزى مول، جۇشقۇن مۇقام.

سەندە يەڭرايدۇ خەلقنىڭ ئەڭ ئېسىل كۈي-نەزمىسى،
بارچە ئۇيغۇرنىڭ سېنىڭسىز قىزىماس توي-بەزمىسى،
سەن خەلقنىڭ بىباھا، رەڭدار، ئۇلۇغۋار خەزنىسى،
سەن بىلەنمۇ ئۆلچىنەر ئۇيغۇر دىگەننىڭ ۋەزنىسى،
ئېسى بار ئادەم سېنى ھەرگىز دېمەس يوچۇن مۇقام.

سەن گۆھەرنى بىر زامان ئەخلەتكە تاشلاپ قىلدى خار،
يىغلىدى خەلقىم سېنىڭ ھىجرىڭدە قاخشاپ زار-زار،
شۈكرى ئەمدى، سېنى قۇتقازدى زامانەم غەمگۇزار،
يېڭىدىن چىقماقتا تۇرداخۇنغا ئوخشاش ئىزباسار،
ئەمدى يايرا، سەن ئەمەس مەڭگۈ «سېرىق»، تۇتقۇن مۇقام.

ئەي مۇقام، ساز ئوردىسىنىڭ بەكمۇ كۆركەم قەسرى سەن،
مۇرغىزارنىڭ زىننىتى، گوياكى بۇلبۇل، قۇمرى سەن،
خەلقىمىزنىڭ مېھرى سەن ھەم قەھرى سەن ھەم پەخرى سەن،
سەندىن ئايرىلمايدۇ ئەل، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆز ئەجرى سەن،
سەن گويا لەيلى، سېنىڭ ئىشقىڭدا ئەل مەجنۇن مۇقام.

ئەي مۇقام، كەلدى زامانەڭ باشقىدىن نۇر ياغدۇرۇپ،
يېڭى ئەۋلادلار كۈيۈڭنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ،
تەنتەنەڭگە تەنتەنە قوشقۇسى زىننەت قوندۇرۇپ،
چالدۇرار ئالقىش چاۋاك ئالەمنى ھەيران قالدۇرۇپ،
ياپقۇسى ئىنسانىيەت شەنىڭگە شاھى تون مۇقام.

(1982 – يىل 2 – ئاي. ئۈرۈمچى)

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ