بۇلبۇل بلوگى

0

مۇنداق جۆيلەر مۇقەددەس لىروس

218

(1)

بىر مەندىن تۆرەلگەن خۇدالار-
ئۆلگەن
ئۇماي
ۋىناس ۋە ھاۋا.

(2)

ھالسىزلاندى ئالدىمدا
تاش-توقماقتىن ئاتومغىچە تا،
ئاۋازىمدىن توزۇپ چىگرىلار،
قۇدرىتىمدىن بار بولدى دۇنيا!

(3)

ئېبلىسنىمۇ گوللىدىم تالاي
ئەجەلدىنمۇ غالىبمەن ھەتتا.

(4)

يەرنى يالماپ قۇترىسا دەججال
ئىسراپىلدىن بىرىمەن سادا.

(5)

يولۇم-
يۈرەكتىن يۈرەككە سوزۇلغان…
ئۇزۇنلۇغۇم مىڭ ئېرا…

 

*لىروس- شېئىرىيەت ئىلاھى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ