بۇلبۇل بلوگى

0

مۇھەببەتنىڭ زوراۋانلىقى

291

(1)
سېغىنغۇم يوق ھېچكىمنى ،لېكىن
سېغىنماي تۇرالمايمەن بىركىمنى
تاش يۈرەك بىر ئەبلەخ بولغۇم كېلىدۇ
يۇمشاتتى كېلىپ بىرسى ئاۋازىمنى .
ئاق ئەتىرگۈلگە
قارلىغاچ ئىزھارقىپتۇ سۆيگۈسىنى
دەپتۇ ئاق ئەتىرگۈل :
قىزىلغا ئايلاندۇرساڭ ئاقلىقىمنى
سۆيەتتىم رازى بولۇپ شۇندا سىنى .
قارلىغاچ ئۇچۇپ كېلىپ ئەتىرگۈلگە
يېقىپتۇ ۋۇجۇدىنى تىكىنىگە
قانلىق بىر شىرىنلىكتە قىزىلقانلار
كۆچۈپتۇ ئەتىرگۈلنىڭ يۈرۈكىگە
ئەتىرگۈل ھاي بېرەلمەي ئۆز-ئۆزىگە
قارىسا قارلىغاچنىڭ كۆزلىرىگە
كېتىپتۇ غۇۋا ئۆلۈم چۈشلىرىگە .
مەيىن بىر تىترەكتە قالغان شۇ گۈل
ئۇقتۇرالماي قىپقىزىل يالغۇزلۇقىنى
توزۇپ كەتتى سەھەرنىڭ جىمجىتلىقىدا .
نىچۈن
مۇھەببەت شەرتى
بولۇپ كەتتى بۇنچىلىك ياۋۇز ؟
بولۇپ قالساڭ بىرسىگە ئاشىق
يوقۇتۇپ قويىسەن مەغرۇرلۇقۇڭنى ؟
ئۆلتۈرەر سېنى مۇھەببەتسىزلىك
ئالار قوينىغا غېرىب چەكسىزلىك
ئۆلتۈرەر ئوخشاشلا سېنى مۇھەببەت
ئۆلتۈرەر سېنى ئەخلاق ،قائىدە
بىدارلىق ،ئۈمۈد ھەم تەشۋىش ئەنسىزلىك .
شېئىرنى يازغۇم بار كىمگىدۇر ئاتاپ
تاپالمايمەن لايىق بىرسىنى .
تۆكۈلگۈم كېلىدۇ قارا يامغۇردەك
ھېچنىمە قوينىغا ئالالماس مىنى .
يازغان شېئىرىمنى يىرتىۋەتكۈم بار
بەڭۋاش شاماللارغا چېچىۋەتكۈم بار
سىرلىرىمنى ئايدىڭدا ئېيتىۋەتكۈم بار
ئايدىڭنى بۇلاقتا يۇيىۋەتكۈم بار .
نىمە دەيمەن
ئەرلىكنىڭ قىيا تاشلىرى
كۆرمىسە جاناننىڭ تاپانلىرىنى ؟!
نىمە دەيمەن
ناكەسلەر كېلىپ سىلىسا
بىپەرۋا مەشۇقنىڭ ئالقانلىرىنى ؟!
ھېچكىمنى زادىلا سۆيۈپ قالغۇم يوق ،
راستلىقىم بۇخەنجەر بولدى بۇجانغا
ئىنسانمەن ۋۇجۇدۇم سۆيگۈگە تالىق
مۇپتىلا بولغۇم يوق ، لېكىن ئىنسانغا .
(2)

ياقسۇن دەپ ئېيتتىم ساڭا ياققانلارنى ،
راست گېپىم ئۇيۇپ قالدى دۈۋەتلەردە .
جور بولدۇم خورلىرىڭغا بولۇپ خورچى
كۈيلىرىم تىنىپ كەتتى يۈرەكلەردە .
بارمىدىم قۇش سايرىغان توقايلارغا
ئەگەشتىم سەن باشلىغان تەرەپلەرگە .
قايتۇردى كەينىمىزگە تۇيۇق يوللار
ئىشەندىم پۇشايمانسىز سەۋەبلەرگە .
مەست كېلىپ دۇمبالايسەن خۇيۇڭ تۇتسا
ئاقلايسەن ئۆزۈڭنى ھەم يىشىلگەندە .
ئالدايسەن ۋە بەزىدە چالۋاقايسەن
بۆزخالتاڭ بىگىزلەردە تىشىلگەندە .
باراقسان چىنار تۇرسام ،ئازغان دېدىڭ
باھاردا تۇرۇپ ئۆزۈڭ گۈلسىرايسەن
ھەرنىمە بول دېدىڭسەن ، بولالمىدىم
سۇسېپىپ تۇرۇپ مەندىن چوغ سورايسەن .
بايقىسام ، ئاچا يوللۇق دوقمۇشلاردا
جاناننىڭ كۆڭلى ساڭا كىرەك ئەمەس .
ئۇسسۇلغا سېلىپ مېنى قوقاسلاردا
كۈلىسەن چاۋاكلاردا ، بۆلەك ئەمەس .
ئىشىنەي دېسەم خالىس مۇھەببەتكە
مۇھەببەت ئايلاندۇردى ناتىۋانغا .
ئالدىسا بۇھاياتنىڭ قىسمەتلىرى
ئۆلۈملا  تېتىيدىكەن بۇ جاھانغا …

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ