بۇلبۇل بلوگى

0

مۇھەببەت ئىككى كىشىلىكتۇر

204

ئۆزگىرەر شامالنىڭ يۆنىلىشى

سولىدۇ ۋاقىتسىز يوپۇرماقلار.

ئېزىپ قالار يولىدىن دېڭىزدا كېمە

بىكاردىن-بىكارغا پورت ئىزدەر.

كۈلىشى بىر ناتونۇشنىڭ

ئوغۇرلىدى سەندىن سۆيگىنىڭنى،

ئىچىڭدە يىغىلغان زەھەر

پەقەت ئۆزۈڭنىلا ئۆلتۈرەر.

ئۆلۈمدۇر  يالغۇز بېشىڭدىن ئۆتىدىغان

مۇھەببەت ئىككى كىشىلىكتۇر.

 

بىر خاتىرە بولسىمۇ قالماپتۇ

كېچە-كېچىلەپ سۆيۈشۈشلەردىن

مىڭ يىللىق ئۇزاقلاردىدۇر

مىڭ قېتىملاپ قۇچاقلىغان تەن.

سەن يازالايدىغان شېئىرلار

ئاللىقاچان يېزىلىپ بولغان.

ئۆلۈمدۇر  يالغۇز بېشىڭدىن ئۆتىدىغان

مۇھەببەت ئىككى كىشىلىكتۇر.

 

ئاۋۇندۇرالماس بولۇپ قالىدۇ

سېنى سەن بىلىدىغان ناخشىلار.

ھەسرەت يېشىلىدۇ زەنجىرلىرىدىن

سۇلار كەينىگە تەتۈر ئاقار.

بىر خەنجەردەك سۇغارساڭمۇ سۆيگۈنى

پەقەت ئۇنى ئۆلتۈرۈشكىلا يارار.

ئۇچار قۇشلىرى سەۋدانىڭ

بېشىنى ئېلىپ كېتىپ قالغان.

ئۆلۈمدۇر  يالغۇز بېشىڭدىن ئۆتىدىغان

مۇھەببەت ئىككى كىشىلىكتۇر.

 

 

سەن غايىپ بولغان  بىر كۈي پەقەت،

ئاخىرلاشقان ۋە نەزەردىن چۈشكەن.

چۈشلىرىڭدە بىر بالا ئېسەدەيدۇ

كېچىدە ئەينەكلەرگە سۈركەلگەندە.

چۈنكى ھېچبىر كېپىنەك

ئۆزى يالغۇز ياشىمايدۇ سەۋداسىنى.

ئاشق بولغاندا ھېچبىر قۇرت-قوڭغۇز،

ھېچبىر قۇش يالغۇز ئەمەستۇر.

ئۆلۈمدۇر  يالغۇز بېشىڭدىن ئۆتىدىغان

مۇھەببەت ئىككى كىشىلىكتۇر.

 

*

ئاپتور: ئاتائول بەھرامئوغلۇ

ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

*

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ