بۇلبۇل بلوگى

0

مۇھەببەت ھەققىدە غەزەل

193

مۇھەببەت شامدىنى شامسىز قالالماس ھېچقاچان، جانان،

چىراغسىز قالسىمۇ مېھراب ۋە ھەتتا مەككىدە بىر ئان.

تاپار مەجنۇن كېزىپ ئۆتكەن باياۋان-چۆلنى چىن ئاشىق،

كۆمەلمەس چۈنكى بۇ سۆيگۈ ئىزىنى ھېچ شامال-بوران.

ئۇدۇم بوپقالدى كۆڭلۈمدە مۇھەببەت جامىغا ھېرىسلىك،

بوۋام ئىچكەنىدى چۈنكى بۇ جامنى تولدۇرۇپ چەندان.

غۇلام بولالماقنى ئىستەيدۇ مۇھەببەت ئەھلىگە كۆڭلۈم،

تېگىشمەسمەن بۇ دۆلەتنى قېشىمغا كەلسىمۇ سۇلتان.

”رىيازەت ئوتىدا تاۋلا يۈرەكنى“ دەر ئىدى پەرھاد،

شۇ تەلىم دىلغا جايلاشقان، ئوقۇرمەن يۈز تۈمەن شۇكران.

ئاقار تارىم سۈيى بىر كۈن كۈمۈشتەك يالتىراپ ئەركىن،

ۋىسال مەۋجىدە ئۆتكۈرمۇ بېلىقتەك قىلغۇسى جەۋلان.

1949-يىل 5-ئىيۇن، ئۈچتۇرپان

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ