بۇلبۇل بلوگى

0

مۇھەببەت

244

مەن سېنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ كەتتىم:

ئىسمىڭنىڭ تاڭنۇر ئىكەنلىكىنى،

يۇرتۇڭنىڭ قەشقەر ئىكەنلىكىنى،

قوي كۆزلىرىڭ، بوستان كىرپىكلىرىڭنى،

لەيلى قازاقتەك لەۋلىرىڭنى،

بىر ماڭا، بىر رەيھانغا ئەڭ ئامراقلىقىڭنى،

گۈل بەرگىنى يىغىدىغانلىقىڭنى،

)ئۆلۈپ كەتسەڭ مېيىتىڭنى يۇيۇش ئۈچۈن)

نۇرغۇن دەپتەرلىرىڭنىڭ مۇھەببەت بىلەن تولغانلىقىنى،

كۈندە ئاڭلايدىغان بىرلا ناخشاڭنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ كەتتىم.

 

پەقەتلا ئېسىمدە يوق:

بىللە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلماقچى بولغىنىمىز،

كۆزلەردىن يىراق بىر تاغقا سالماقچى بولغان كەپىمىز،

مەن ئوتۇنىڭنى يېرىپ، سۈيۈڭنى توشۇپ،

سەن كىرىمنى يۇيۇپ، تامىقىمنى ئېتىپ ياشىماقچى بولغىنىمىز،

يامغۇردا قوغلىشىپ

قاردا پومداقلىشىپ ئوينىماقچى بولغان ئۈچ قىز ئالتە ئوغلىمىز…

پەقەتلا ئېسىمدە يوق.

 

بىلىدىغىنىم:

ھايات دېگەن بۇ ھاشاردا بىر نەرسە كەم،

بىر ھىد

بىر تەم

بىر تۇيغۇ

بىر تەن

سەن…

 

2015.8.17 ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ