بۇلبۇل بلوگى

0

موما

427

مېنىڭ مومام

ئازابنى بىلمەيدۇ

ئۇ ئىشىنىدۇكى

ئاچارچىلىق ئوزۇقلۇقتۇر

نامراتلىق بايلىقتۇر

ئۇسسۇزلۇق سۇدۇر

ئۇنىڭ ئۈزۈم ھارىقىدەك تېنى مېڭىۋاتقان ھاسىسىدا ئاقىدۇ

ئۇنىڭ چاچلىرى ھەسەل ھەرىسىنىڭ قاناتلىرىدۇر

ئۇ توخۇ كۆزىدەك تابلېتكىلارنى يۇتىدۇ

ئىنتېرنېتنى ئامېرىكىغا ئۇرۇلىدىغان تېلېفون، دەيدۇ

ئۇنىڭ قەلبى ئەتىرگۈلگە ئايلانغان شۇڭا سەن

پۇرىساڭلا بولدى

ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ مەيدىسىگە يېقىپ

بۇنىڭدىن باشقا قىلالىغۇدەك ئىشىڭ يوق

پەقەت بىر ئەتىرگۈل

ئۇنىڭ قوللىرى لەيلەكنىڭ پاچاقلىرىدەك

قىزىل ھاسالار

مەن تىزلىنىپ تۇرۇپ

بۆرىدەك ھوۋلىماقتىمەن

باش سۆڭىكىڭدىكى ئاق ئايدا

موما

ئۇ ئازاپ ئەمەستۇر دەۋاتىمەن

ئۇ پەقەت يۈزىدىكى ساقىلى سېنى سۆيگەندە سانجىلىدىغان

ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ئىلاھنىڭ قۇچاقلىشىدۇر.

 

* * * * * * *

ئاپتور:ۋالژىنا مورت

ئىنگلىزچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ