بۇلبۇل بلوگى

0

مەي بولمىدى

201

ۋادەرىخ، غەمكىن كۆڭۈلنى ئاچقىلى مەي بولمىدى،

غەمگۈزار بىر دوست بىلەن مۇڭداشقىلى مەي بولمىدى.

كىمگە ئېيتاي دەردلىرىمنى يىغلا-يىغلا قانغۇچە،

دەردكە ئورتاق دوست بىلەن دەردلەشكىلى مەي بولمىدى.

ھەر كۈنى دەۋران مېنىڭ كۆڭلۈمگە چەگدى بىر تۈگۈن،

شۇ قارا، سىرلىق تۈگۈننى يەشكىلى مەي بولمىدى.

يارسىز، مەيسىز بۇ كۈننىڭ كېچىدىن نېم پەرقى بار؟

بۇ قاراڭغۇ كۆلبىگە نۇر چاچقىلى مەي بولمىدى.

ئۆلدى روھ، سۇندى كۆڭۈل، يەرگە كۆمۈلدى ھۆر پىكىر،

بۇ سۇنۇق كۆڭلۈمنى بىر ياشناتقىلى مەي بولمىدى.

بىر قەدەھ مەي تاپسا مىسكىن، ئىچمەس ئېردى يارسىز،

بولسا بىر يار بەختىمە، سىرداشقىلى مەي بولمىدى.

1968-يىل 1-ماي، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ