بۇلبۇل بلوگى

0

مەشرەپكە يادنامە 

209

يارىيار دەپ زارۇ- زار چۆللەردە مەشرەپ يىغلىغان،
سولدا ئ‍ىبلىس، ئ‍وڭ يۈزىدە قايغۇرۇپ رەب، يىغلىغان.
مەردۇ ھەق بەرگەن باياۋاننى ئ‍اڭا ئ‍ەيلەپ ۋەتەن،
ئ‍ۇندا يارنىڭ ئ‍ىشقىدىن ئ‍اھلارنى كەسلەپ يىغلىغان.
داردا جانى قۇش بولۇپ ئ‍ۇچقاندا تەن شاخلارىدىن،
يەر تۇرۇپ تەكتىسىرادىن، كۆكمۇ پەسلەپ يىغلىغان.
مەست شاماللار جىسمى خاكىدىن ئ‍ېلىپ گۈلگۈن توپا،
روھىي ئ‍ەھيالەر قىلىپ، ئ‍اسماننى دەسسەپ يىغلىغان.
جان چىقاردا ھەقتائالانىڭ سۇباتى جىلۋىلەپ،
كۆزلىرى نۇر ئ‍ىچرە تەقۋالىقنى ئ‍ىستەپ يىغلىغان.
يادى ھەقنىڭ ئ‍اپتىپىدا ياپيېشىل نەۋرۇز بولۇپ،
پىردەۋىس باغىدا ئ‍ۇ چۆللەرنى ئ‍ەسلەپ يىغلىغان.
بىل خوجا، گۈلدۇر بۇ جان، ئ‍ۆلگەندە ئ‍اندىن ئ‍اچىلۇر،
مەشرەبى بۇلبۇل بولۇپ ئ‍ۇ گۈلگە دەسلەپ يىغلىغان.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ