بۇلبۇل بلوگى

0

مەرھۇم ئەھمەت ئۆمەرگە مەرسىيە

200

ئۆچتى سەنئەت سەھنىسىدە بىر چىراق

ياكى بىر شۇڭقار ئۇچۇپ كەتتى يىراق.

جۈت سوقۇپ ئۆتكەن كەبى گۈلشەن ئارا،

بۇ ئۆلۈم سالدى كۆڭلۈڭگە داغ، پىراق.

بار ۋۇجۇدۇڭ كۈلكىگە مۇنبەر ئىدى،

ھەر يامانغا كۈلكە بىر نەشتەر ئىدى.

يىغلىسا ھەربىر يامان بۇ كۈلكىدىن،

ياخشىلار قەھ-قەھ ئۇرۇپ كۈلەر ئىدى.

ئېھتىمال، گۈلچەمبىرەك ئازراق كېلەر،

ئۆلچىمەس ئالتۇننى ھېچكىم رەڭ بىلەن.

سەن تىرىك خوجا نەسىردىن ئەپەندىدەك

سۆزلىرىڭ، خۇلق-مىجەزىڭ، ئەجرىڭ بىلەن.

ئېھتىمال، قالماس جاھاندا گۈمبىزىڭ،

قالغۇسى ئەل ئاغزىدا لېكىن سۆزۈڭ.

تەڭرىتاغ ئېتەكلىرى بەك كەڭ زېمىن،

شۇ زېمىندا ساقلىنار باسقان ئىزىڭ.

1987-يىل 10-ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ