بۇلبۇل بلوگى

0

مەرھابا

209

مەرھابا، ئەييامى نورۇز، مەرھابا،

خۇش خەۋەر يەتكۈزدى بىر خۇشبۇي سابا!

قىشتا باتناپ نېرى كەتكەن زەر قۇياش،

سېغىنىپ يەرنى يېقىنلاپ كەلگۈدەك.

ھۇت بىلەن كەتمەن سېپىن تۇتقان دېھقان

يەنە بەرىكەت دانلىرىنى تەرگۈدەك.

كۆكتە سەيلان ئاق بۇلۇتلاق توپلىشىپ،

تاغۇ دەشتكە مەرۋايىتلار چاچقۇدەك.

ئۇيقۇغا قانغان زېمىن قۇچاق يېيىپ،

ئەلگە ئىقبال خەزىنىسىنى ئاچقۇدەك.

كۈزدە بوران سوقۇۋەتكەن گۈل-گىياھ

يەنە زۇمرەت تونلىرىنى كىيگۈدەك.

تۇرنا، بۇلبۇل، قۇمرى، تورغاي ھەممىسى،

ياد ئېتىپ بىزنى، يېنىشلاپ كەلگۈدەك.

كەلگۈدەك، بۇلبۇل ناۋاسى كەلگۈدەك،

گۈل-چېچەك پەسلى، ھاۋاسى كەلگۈدەك.

ھەم تىنارلىق، ھەم ئۇچارلىق، ھەممە جان

مەرىكە مەيدانىدا ، قايناپ جاھان،

خۇددى ھېيتىگاھ ئالدىغا بايرام كەبى

يەنە شوخ قەشقەر ساماسى كەلگۈدەك.

مەرھابا، ئەييامى نورۇز، مەرھابا،

كۆكتە يۇلتۇز، سۇدا قۇندۇز، مەرھابا.

ئەل ئامان، ئاۋات زامان بولسۇن مۇدام،

شۆھرىتىڭ ئاشسۇن تىنىمسىز ھەر سابا!

1990-يىل 20-مارت، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ