بۇلبۇل بلوگى

0

مېنىڭ ئىچىم

212

ئىچىم سىقىلىدۇ ئاغىنىلەر،

ئىچىم بەك سىقىلىدۇ.

كۆرگەنلىرىمگە،

ئاڭلىغانلىرىمغا،

بىلگەنلىرىمگە،

ياشىغانلىرىمغا ۋە مەجبۇر بولغان رېئاللىقىمغا ئىچىم سىقىلىدۇ.

زۇلۇم ئىسكەنجىدە قالىدۇ ئىچىم،

بەرداشلىق بېرش بەزىدە بەك تەرس كېلىدۇ.

سىقىلسىلا مەيلىتى دەپ قالىمەن كېيىنچە،

چۈنكى سىقىلغاندىن كېيىن ئېچىشىشقا باشلايدۇ.

پىژ-پىژ ئېچىشىدۇ:

يېڭى، چۇڭقۇر بىر يارىدەك

ئوتتا كۆيگەندەك

كىسلاتا تىمىتىپ ياققاندەك.

زەھەرخەندە نامەرتلەرنىڭ،

ناجىنىس پەسلەرنىڭ،

كاززاپ، ئۆلگۈرلەرنىڭ ئالدىدا خارلىنىپ قېلىپ.

ئېچىشىش سەل بېسىققاندا ئۆرتىنىشكە باشلايدۇ،

ئەڭ تېرەن دەردلەر،

ئەڭ كونا ئازابلار،

ئەڭ مەخپىي نومۇسلار،

ئەڭ رېئال خورلۇق ۋە زۇلۇم،

ئەڭ يوشۇرۇن سۈيىقەست،

قەستەن بوزەك قىلىشلار…

ئۆرتەنگەندىن كېيىن يالىلدايدۇ،

ۋىلىلدايدۇ،

شەلۋەرەيدۇ،

سىرغىيدۇ

ئېتىلىدۇ

ئەۋج ئالىدۇ…

ئىچىم ئاغرىيدۇ ئاندىن

كۆيىدۇ،

ئادايدۇ،

سىيرىلىدۇ،

يىغلايدۇ

پۇشىدۇ(پىشىدۇ؟)…

پۈتۈن بۇلار ئىچىمگە قاچىلانغاندىن كېيىن،

ئىچىم تولىدۇ،

لىققىدە تولىدۇ

ۋە قاينايدۇ.

 

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ