بۇلبۇل بلوگى

0

مېنىڭ بولمايدىغانغا كەل

220

شۈك، تۈن ئويغانغۇچە مۇساپىمىزنى تېنچلاندۇرايلى
دېيىشتۇققۇ، يوشۇرۇن ياشناۋەرسەك ھېچكىم بىلمەيدۇ
بىزنى ئاشكارىلايدىغىنى كېچە ھەم يەنە
بىر يەرلەردىن كېلىدىغان قوڭغۇراق ئاۋازى
سېنىڭدە ئېغىرلاپ بېرىۋاتقان جىمجىتلىق
يەنە بىرىنى سەزدىڭمۇ
كېچەڭ سەل چېچىلىپ قاپتۇ
قارىغىنە، كېچەڭنىڭ ئۇ يەر- بۇ يەرلىرى ئېچىلىپ قاپتۇ
كېچىدە تامغان شامال ھۇزۇرلۇق، دېگەن ئىدىڭغۇ
ئۇنىۋېرسىتېتقا توپلىنىپ قالدى، دېگۈچىلەرنىڭ
يەلپۈنىدىغان ئۆيى ھەم دېرىزىسى بار
ئەممازە لەرزە شامالدىن شىرىن

ئايلانما شەكىللىك شەھەر خارابىسىدىن ئۆتكىنىمدە
قەيەرگە بېرىشنى بىلمەيدىغانلىقىمنى بىلەتتىم
ئەسلىمىدىن باشقا ھېچنەرسەم بولمايدۇ
بارا-بارا ئۇمۇ تۈگەيدۇ
تېخى قۇرۇقدىلىمەن
ئۆزۈمگە ئېشىپ قالغان مېنى يېتىلىگىنىمچە
مەڭگۈلۈكتىن ئۆتۈپ بولغىنىمدا
بىر سۆزلۈك ئاچىماق يول ئۇچرايدۇ
يوللارنى ئۇلايدىغان كېسىلىم يەنە قوزغالدى
ئۇف، يولدىن ئازاد بولغان مۇسەپەمگە مەرھابا
ئۆزۈمدىن زېرىكىشنىڭ يەنە بىر تەپسىلاتى تۇتۇقلاشتۇرۇلدى

مېنىڭ بولمايدىغانغا كەل
ئېسىمىزدىن ماي بوياقلىق كارىۋات قۇرايلى
ئۇنىڭ بوشلىقىدىكى ئولتىرىقىمىزدا
چىملىقلار جىملىقتەك سالماق
قۇشلار ئىسمىڭنى سايرايدۇ
دەرەخلەر تۇيغۇڭنى كۆكلەيدۇ
سۇلار كۆزۈڭنى بۇلدۇقلايدۇ
سېنى كۆرىدىغان چۈشلەر، چۈشلەردىكى ئەييۇھانناسلىق
چىقىپ كېتىدىغىنىڭدا سېنى سالدۇرىۋالىمەن
نېمە پەرۋايىم ئىسمىڭ بىلەن

ھادىسەڭنى كۈتەي بىر نەپەس
شۈك، ئۇزۇنىغا چوغدەك سۆزى بار
كۆرە، چىقىۋىدىڭ ھەممە قايتىشتى
كۆرە، تۇرىۋىدىڭ ھەممە چۆكۈشتى
بىر كاسە، ياق. ياق. يېرىم كاسە
ھېچ بولمىغاندا قۇرۇق كاسە
ئىچمەيمىز، ھىدلايمىز
شۇنچىلىك كەيىب نۇرمىمىز
شۇنچىلىكىمىز شۇنچىلىكتۇر

2016- يىل 27- فېۋرال كەلپىن

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ