بۇلبۇل بلوگى

0

مېنى سۆيمەيسەن

218

بىلىمەن، ئامرىقىم بىلىمەن
مېنى سۆيمەيسەن،
ماڭا كۆڭۈل بەرگۈڭ بولغاچقا
شۇڭا، سېنى سۆيىمەن دەيسەن.

مېنى سۆيىدۇ دېگىنىم ئۈچۈن
سۆيگەندەك بىلىنىسەن ماڭا ھەر دائىم.
سېنىڭ سۆيۈشلىرىڭ توختىماس يامغۇر
يېغىۋاتقان بىر ماڭىلا جىم.
مەن يامغۇردا قېلىشقا ئامراق
يامغۇرلۇق كوچىلاردا مېڭىشقا ئامراق
مەندىكى بۇ خىل يوشۇرۇن ئاڭنى
ھېچ بىلمىدىم بىلدىڭسەن قانداق.

دېرىزىنى ئاچىمەن
كۈندۈز كىرەر ئارقىدىن
كېرەر كېچە، كىرەر غېرىپلىق
ئۇسساۋاتقان بولسا… دەپ قالدىم
دېڭىزىمدا ئوينىغان بېلىق
ئۇسساۋاتقان بولساڭ راستىنلا
مېنى ئىچكىن، ئىچ ئىككىلەنمەي
زادى نېمە قىلارمەن ياشاپ
ئۇسسۇزلۇقۇڭنى قاندۇرالمىسام، ھەي.

سەندىن سورىماس بولدۇم
جېنىم مېنى سۆيەرسەنمۇ دەپ
چۈنكى، سوراپ بولۇپلا مېنى
باسار كۆكتىن چۈشۈپ بىر تىترەك
ئۆلۈپ كەتكۈم يوق مېنىڭ
سورىمىدىم تۇنجى رەت شۇڭا
بەختىڭ كەبى سېنى سۆيۈشكە
مەن بولمىسام بولمايدۇ ئەسلا.

مېنى سۆيمىگىنىڭ بولسا راست
سېغىنغىنىمدەك شۇ تاپتا قاتتىق
يېنىمدىكى يالغۇزلۇقۇمدەك
ئۇخلاۋاتقان بولىسەن تاتلىق.

ئۇخلا، ئۇخلا، تاڭلار ئاتقۇچە
قۇياش ساڭا نۇرلار چاچقۇچە
ئىشەنگۈسىز سېنى سۆيگىنىم
تا سۆڭەككە چوڭقۇر پاتقۇچە.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ